باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (6)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 – پاراگراف جەمئىيەت باشقۇرۇشقا دەخلى يەتكۈزۈش قىلمىشى ۋە بېرىلىدىغان جازا

  50 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

  (1) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي ھالەت كۆرۈلگەن ئەھۋالدا قانۇن بويىچە ئېلان قىلغان قارار، بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلار؛

  (2) دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

  (3) جىددىي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، ساقچى ئاپتوموبىلى قاتارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلار؛

  (4) جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلىگەن ئاگاھ دائىرىسى، ئاگاھ رايونىغا بېسىپ كىرگەنلەر.

  خەلق ساقچىسىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

  51 – ماددا دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغان ياكى باشقا يالغان سالاھىيەت بىلەن ئالدامچىلىق قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.ھەربىي، ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئالدامچىلىق قىلغانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.

  52 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

  (1) دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ھۆججەت – ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتى ۋە تامغىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ياكى ئېلىپ ساتقانلار؛

  (2) دۆلەت ئورگىنى، خەلق تەشكىلاتلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان ھۆججەت – ئالاقىسى، گۇۋاھنامىسى، ئىسپات ھۆججىتىنى ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر؛

  (3) ئاپتوموبىل – پويىز بېلىتى، پاراخوت بېلىتى، ئايرۇپىلان بېلىتى، ئويۇن بېلىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقە بېلىتى ياكى باشقا باھالىق تالون – ئىسپات، دوكۇمېنتلارنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان ۋە ھايىنىغا ساتقانلار؛

  (4) كېمە – پاراخوت نام تاختىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغانلار، ياسىۋېلىنغان، ئۆزگەرتىۋېلىنغان كېمە – پاراخوت نام تاختىسىنى ئېلىپ ساتقان ياكى ئىشلەتكەنلەر ۋە ياكى كېمە – پاراخوت موتور نومۇرىنى ئۆزگەرتكەنلەر.

  53 – ماددا كېمە – پاراخوتنى دۆلەت كىرىشنى مەنئى قىلغان، چەكلىگەن سۇ دائىرىسى ياكى ئارالغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەيدەپ كىرگەن، توختاتقانلارنىڭ كېمە – پاراخوت مەسئۇلى ۋە ئالاقىدار جاۋابكارلىرىغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  54 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرماي تۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلغان، بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ پائالىيەتنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەنلەر؛

  (2) قانۇن بويىچە تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن شۇ ئىجتىمائىي تەشكىلات نامىدا پائالىيەت قىلىۋەرگەنلەر؛

  (3) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجازەت بېرىدىغان كەسىپ بىلەن ئۆز مەيلىچە شۇغۇللانغانلار.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (3) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلار بىكار قىلىنىدۇ.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئىجازىتىنى ئالغان تىجارەتچىلەردىن دۆلەتنىڭ باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ ئىجازەتنامىسىنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

  55 – ماددا قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىشنى قۇتراتقان ۋە پىلانلىغانلاردىن نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

  56 – ماددا مېھمانخانا خادىملىرىدىن يولۇچىلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىمىغانلىرى ياكى مېھمانلارنىڭ خەتەرلىك بۇيۇمنى مېھمانخانىغا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ توسمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  مېھمانخانا خادىملىرىدىن مېھمانلارنىڭ جىنايەت گۇماندارى ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

  57 – ماددا ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئۆيىنى سالاھىيەت ئىسپاتى بولمىغانلارنىڭ ئولتۇرۇشىغا بەرگەنلىرى ياكى ئىجارە ئالغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسىنى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ تۈرى ۋە نومۇرىنى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاتمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەردىن ئىجارە ئالغۇچىنىڭ شۇ ئۆيدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرىغا 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ.

  58 – ماددا ئىجتىمائىي تۇرمۇش شاۋقۇنىدىن پەيدا بولغان بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە ئائىت قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، شاۋقۇن پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلگەندىن كېيىنمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 200 يۈەندىن يۇقىرى، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  59 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) گۆرۈخانا خادىملىرىدىن گۆرۈ بۇيۇمىنى ئالغاندا، ئالاقىدار ئىسپاتنى تەكشۈرمىگەن، تىزىملىمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارى ۋە ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا مەلۇم قىلمىغانلىرى؛

  (2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆمۈر يول، نېفىتلىك، ئېلېكتىر، تېلېگراف، كان، سۇچىلىق، ئۆلچەش ئەسلىھەسى ۋە شەھەر جامائەت ئەسلىھەسىنىڭ كاردىن چىققان سايمانلىرىنى سېتىۋالغانلار؛

  (3) ج خ ئورگىنى ئىزدەش ئېلانى چىقارغان ھارام مال ياكى ھارام مال دەپ گۇمان قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلار؛

  (4) دۆلەت سېتىۋېلىشنى مەنئى قىلغان باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلار.

  60 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالغان، پېچەتلىگەن، توڭلىتىپ قويغان پۇل – مالنى يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن، ساتقان ياكى بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (2) دەلىل – ئىسپاتنى ياسىۋېلىپ، يوشۇرۇپ قويۇپ، يوقىتىۋېتىپ ياكى يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، دېلو ئەھۋالىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر؛

  (3) ھارام مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ يوشۇرۇپ قويغان، يۆتكىۋەتكەن ياكى سېتىشىپ بەرگەنلەر؛

  (4) رېجىم جازاسى، سىياسىي ھوقۇقتىن مەھرۇم قىلىش جازاسى قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ياكى جازاسى كېچىكتۈرۈلگەن، جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىنايەتچىلەر ۋە ياكى جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قانۇن بويىچە قوللىنىلغانلاردىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشى بولغانلىرى.

  61 – ماددا باشقىلارنى دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈشكە تەشكىللەشكە ياكى ئۆتكۈزۈپ قويۇشقا ياردەملەشكەنلەرگە ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  62 – ماددا دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  دۆلەت چېگراسى (چېگرا)دىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەنلەرگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  63 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرراقلىرىغا بەش كۈندىن يۇقىرى، ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) دۆلەت قوغدايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى، مەشھۇر ئاسار ئەتىقىلەرنى جىجىغان، مەينەت قىلىۋەتكەن ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن قەستەن بۇزۇۋەتكەنلەر؛

  (2) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ئەتراپىدا پارتلىتىش، قېزىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەر.

  64 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) باشقىلارنىڭ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر؛

  (2) باشقىلارنىڭ ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى، موتورلۇق كېمىسىنى پىراۋىسىز ھەيدىگەن ياكى ئوغرىلىقچە ھەيدىگەنلەر.

  65 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بەش كۈندىن يۇقىرى ئون كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ:

  (1) باشقىلارنىڭ قەبرىسىنى بۇزۇۋەتكەن، مەينەت قىلىۋەتكەن ياكى باشقىلارنىڭ جەسىتى، جەسەت كۈلىنى بۇزۇۋەتكەن، تاشلىۋەتكەنلەر؛

  (2) نەسىھەتكە قۇلاق سالماي جامائەت سورۇنىدا جەسەت قويغان ياكى جەسەت قويۇپ باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا، خىزمەت تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزگەنلەر.

  66 – ماددا ئىپپەت – نومۇسىنى ساتقان، پاھىشىۋازلىق قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  جامائەت سورۇنىدا زىناغا چاقىرغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  67 – ماددا باشقىلارنى ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىشقا قىزىقتۇرغان، سولاپ بەرگەن، تونۇشتۇرغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  68 – ماددا شەھۋانىي كىتاب – ژۇرنال، سۈرەت، فىلىم، ئۈن – سىن ھاسىلاتى قاتارلىق شەھۋانىي بۇيۇمنى ئىشلىگەن، توشۇغان، كۆپەيتكەن، ساتقان، ئىجارە بەرگەنلەر ياكى كومپيۇتېر ئۇچۇر تورى، تېلېفون ۋە باشقا خەۋەرلىشىش قورالىدىن پايدىلىنىپ، شەھۋانىي ئۇچۇر تارقاتقانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  69 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) شەھۋانىي ئۈن – سىن فىلىمى قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر؛

  (2) شەھۋانىي ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىگەنلەر ياكى شەھۋانىي ئويۇن قويغانلار؛

  (3) توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغانلار.

  باشقىلارنىڭ ئالدىنقى تارماقتىكى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەرگە ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  70 – ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە قىمار ئويناشقا شارائىت يارىتىپ بەرگەنلەر ياكى كۆپرەك دەسمايە بىلەن قىمار ئوينىغانلارغا بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  71 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) 500 تۈپتىن ئاز ئەپيۈنگۈلنى ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا زەھەر ئۆسۈملۈكىنى قانۇنسىز تېرىغانلار؛

  (2) بىخ تارتىش كۈچىدىن قالمىغان ئەپيۈنگۈلى قاتارلىق زەھەر ئۆسۈملۈكىنىڭ ئۇرۇقى ياكى مايسىسىدىن ئازراقنى قانۇنسىز ئېلىپ ساتقان، توشۇغان، ئېلىپ يۈرگەن، ئىلكىدە ساقلىغانلار؛

  (3) ئازراق كۆكنار غوزىسىنى قانۇنسىز توشۇغان، ئېلىپ – ساتقان، ساقلىغان، ئىشلەتكەنلەر.

  ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى قىلمىشنى سادىر قىلغانلاردىن تېرىغىنى پىشقىچە ئۆزى يۇلۇۋەتكەنلىرىگە جازا بېرىلمەيدۇ.

  72 – ماددا تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ. قىلمىشى يېنىكرەكلىرىگە بەش كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:

  (1) 200 گىرامدىن ئاز ئەپيۈن، ئون گىرامدىن ئاز خىروئىن ياكى مېتىلامفېتامىن ۋە ياكى ئاز مىقداردىكى باشقا زەھەرنى ئىلكىدە قانۇنسىز ساقلىغانلار؛

  (2) باشقىلارغا زەھەر بەرگەنلەر؛

  (3) زەھەرنى چەككەن، ئوكۇل قىلىپ سالغانلار؛

  (4) تېببىي خادىملارنى مەجبۇرلاپ، ئالداپ ناركوز دورىسى، روھىي دورىلارنى ئېلىۋالغانلار.

  73 – ماددا باشقىلارنى زەھەرنى چېكىشكە، ئوكۇل قىلىپ سېلىشقا كۈشكۈرتكەن، ئازدۇرغان، ئالدىغانلارغا ئون كۈندىن يۇقىرى 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

  74 – ماددا مېھمانخانا، يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمەت ئورنى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش ئورنى، ئاپتوموبىل كىراكەشلىك ئورنى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملاردىن ج خ ئورگىنى زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، ئىپپەت – نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى بىرتەرەپ قىلىۋاتقاندا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ قويغانلىرىغا ئون كۈندىن يۇقىرى، 15 كۈندىن تۆۋەن توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىلىدۇ.

  75 – ماددا ھايۋانات بېقىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە ياكى ھايۋانلارنى قويۇپ بېرىپ باشقىلارنى قورقۇتقانلارغا 200 يۈەندىن يۇقىرى 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.ھايۋانلارنى كۈشكۈرتۈپ، باشقىلارنى زەخىملەندۈرگەنلەرگە مۇشۇ قانۇننىڭ 43 – ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

  76 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 67 –، 68 –، 70 – ماددىلىرىدىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، قايتا – قايتا تەربىيە بېرىلسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىي تەربىيە بېرىش تەدبىرى قوللىنىلسا بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە