باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى (8)

2013.06.17 14:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2 – پاراگراف قارار قىلىش

  91 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ج خ ئورگىنى قارار قىلىدۇ؛ بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش، 500 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇش جازاسىنى ساقچىخانا قارار قىلسا بولىدۇ.

  92 – ماددا مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغانلارنىڭ جازا بېرىلىشتىن ئىلگىرىكى مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىپ جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن ۋاقتىنى جازا مۇددىتىگە سۇندۇرۇپ ھېسابلاش كېرەك. جىسمانىي ئەركىنلىكى چەكلەنگەن بىر كۈن، مەمۇرىي توختىتىپ قويۇلغان بىر كۈنگە سۇندۇرۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  93 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرگەندە، شۇ كىشىنىڭ بايانى بولمىسىمۇ، باشقا دەلىل – ئىسپاتلار دېلو پاكىتىنى ئىسپاتلىيالىسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلسا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن، شۇ كىشىنىڭ بايانىلا بولۇپ، باشقا دەلىل – ئىسپات بولمىسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ.

  94 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن ھەم ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىش پاكىتى، سەۋەبى ۋە ئاساسىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە ئىگە بولىدىغان ھوقۇقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

  ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى پىكرىنى بايان قىلىشقا ۋە ئاقلىنىشقا ھوقۇقلۇق. ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ پىكرىگە ئوبدان قۇلاق سېلىشى شەرت، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل – ئىسپاتنى قايتا قاراپ چىقىشى؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىت، سەۋەب ۋە دەلىل – ئىسپات پۇت تىرەپ تۇرالىسا، ج خ ئورگىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنى پىكرىنى بايان قىلدى، ئۆزىنى ئاقلىدى دەپ جازانى ئېغىرلىتىۋەتسە بولمايدۇ.

  95 – ماددا ئامانلىق دېلوسىنى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ج خ ئورگىنى ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، مۇنداق بىرتەرەپ قىلىشى كېرەك:

  (1) قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى بارلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە ۋە كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ جازا قارارى چىقىرىش؛

  (2) قانۇن بويىچە جازا بېرىلمەيدىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىرى ئۈستىدە جازالىماسلىق قارارى چىقىرىش؛

  (3) قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى جىنايەتكە چېتىلسا، مەسئۇل ئورگاننىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش؛

  (4) ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بايقالسا، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشى ئۈستىدە جازا قارارى چىقىرىش بىلەن بللە، ئالاقىدار مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا بىرتەرەپ قىلىشنى ئۇقتۇرۇش.

  96 – ماددا ج خ ئورگىنى ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىشنى قارار قىلغاندا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى تەييارلىشى كېرەك. قاراردا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

  (1) جازالانغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، جىنسى، يېشى، سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نامى ۋە نومۇرى، ئادرېسى؛

  (2) قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق پاكىتى ۋە دەلىل – ئىسپاتى؛

  (3) جازا تۈرى ۋە ئاساسى؛

  (4) جازا ئىجرا قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۆھلىتى؛

  (5) جازا قارارىغا قايىل بولماي مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىش، مەمۇرىي دەۋا قىلىشنىڭ يولى ۋە مۆھلىتى؛

  (6) جازا قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نامى ۋە قارار چىقارغان ۋاقتى.

  قارارغا جازا قارارى چىقارغان جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تامغا بېسىشى كېرەك.

  97 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى جازالانغۇچىغا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىنى ئېلان قىلىشى ھەمدە جازالانغۇچىغا شۇ جايدا بېرىشى؛ جازالانغۇچىغا شۇ جايدا ئېلان قىلغىلى بولمىسا، ئىككى كۈن ئىچىدە يەتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك. مەمۇرىي توختىتىپ قويۇش جازاسى بېرىش قارار قىلىنغان بولسا، جازالانغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش كېرەك.

  زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا قارارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى بېرىشى كېرەك.

  98 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىجازەتنامىنى بىكار قىلىدىغان ۋە 2000 يۈەندىن يۇقىرى جەرىمانە قويىدىغان ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچى ئىسپات ئاڭلاشنى تەلەپ قىلسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنى ۋاقتىدا قانۇن بويىچە ئېچىشى كېرەك.

  99 – ماددا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش دېلوسىنى بېجىرىش مۆھلىتى دېلو قوبۇل قىلىنغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ؛ دېلو چوڭ، ئەھۋال مۇرەككەپ بولسا، بىر دەرىجە يۇقىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ تەستىقى بىلەن، مۆھلەتنى 30 كۈن ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

  دېلو ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەتكەن باھالاش ۋاقتى ئامانلىق دېلوسىنى بىرتەرەپ قىلىش مۆھلىتىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.

  100 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىشنىڭ پاكىتى ئېنىق، دەلىل – ئىسپاتى تولۇق بولۇپ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدىغان ياكى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدىغان بولسا، ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلسا بولىدۇ.

  101 – ماددا ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلىدىغان بولسا، خەلق ساقچىسى ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغۇچىغا خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسىتىشى ھەمدە جازا قارارىنى تولدۇرۇشى كېرەك. جازا قارارىنى شۇ جايدا جازالانغۇچىغا بېرىشى؛ زىيانغا ئۇچرىغۇچى بولسا، قارارنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسىنى زىيانغا ئۇچرىغۇچىغا بېرىشى كېرەك.

  ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن جازا قارارىغا جازالانغۇچىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى، جازا ئاساسى، جەرىمانە سوممىسى، ۋاقتى، ئورنى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ نامى يېزىلىشى ھەمدە دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارى شۇ جايدا چىقىرىلغان بولسا، دېلو بېجىرگۈچى خەلق ساقچىسى ئۆزى قاراشلىق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا 24 سائەت ئىچىدە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

  102 – ماددا جازالانغۇچىلاردىن ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە