- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۇرپاننىڭ كارىزلىرىنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش 3-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە (3)
2013.02.04 15:19
|
بالىلار كارىزدا ئوينىماقتا |
سەددىچىن سېپىلى ۋە قانال بىلەن بىرلىكتە ‹‹ جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشى ›› دەپ نام ئالغان شىنجاڭ كارىز يەر ئاستى سۇ ئىنشائات قۇرۇلۇشى يېقىندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشمەكتە . بۇ ئۇنىڭ ‹‹دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى ›› تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن بولۇپلا قالماي ، تېخىمۇ مۇھىمى ، ئۇنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا يەرلىكنىڭ مۇھىم سۇغۇرۇش ئىنشائاتى بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدا.
2009-يىلنىڭ ئاخىرى ، شىنجاڭ تۇرپان ۋىلايىتىدىكى كارىزلارنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى باشلاندى ، بىرىنچى، ئىككىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يۈرگۈزۈلىشى بىلەن ، تۇرپان ۋىلايىتىدە جەمئىي 50 تىن ئارتۇق كارىز رېمونت قىلىنىپ ، مۇستەھكەملەندى . مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىنكى كارىزلارنىڭ سۇ چىقىرىش مىقدارى بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن %20 ئاشتى . نۆۋەتتە ، تۇرپاندىكى كارىزلارنى قوغداش ۋە پايدىلىنىشنىڭ 3-قارارلىق قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان بولۇپ ، باھارغىچە 18 كارىزنى رېمونت قىلىپ مۇستەھكەملەپ بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە .
تۇرپان ۋىلايىتىدە نۆۋەتتە 1108 كارىز بار بولۇپ ، بۇنىڭ 278 ىدىن ھازىرمۇ سۇ چىقىدۇ .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە