باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولى بەرپا قىلايلى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلغانلىقى ھەققىدە

2018.09.05 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قەلبداشلارغا ئارىلىقنىڭ يىراق- يېقىنى بىلىنمەس، تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىمۇ قوشنىلىق ئۈزۈلمەس. جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 18 يىللىقى ھارپىسىدا، جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە چوڭ ئائىلىسىدىكى كونا-يېڭى دوستلار گۈزەل بېيجىڭغا جەم بولۇپ، «ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ يېقىن بولغان جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش» باش تېمىنى چۆرىدەپ، بىرلىكتە تەنتەنە قىلىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە بىللە مەسلىھەتلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى-ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

  «ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى پارلاق بولىدۇ، ئافرىقىنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدكە تولغان، جۇڭگو-ئافرىقا دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، جۇڭگو- ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق!» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018-يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى جۇڭگو-ئافرىقا دوستانە ئالاقىسىنىڭ تارىخىنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى تېپىپ چىققانلىقىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو- ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي مەقسەت سۆزى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يۈكسەك ئالقىشىغا ۋە يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  «يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخنىڭ مېۋىسى ئەتلىك بولىدۇ، ئەت ئالغان ھايۋاننىڭ تېرىسى پارقىراق بولىدۇ». تارىخنىڭ قانۇنىيىتى ۋە لوگىكىسى بار. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو- ئافرىقا ئىككى تەرەپ ئوخشاپ كېتىدىغان قىسمەت ۋە ئورتاق بۇرچ ئاساسىدا، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ كەلدى، ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىدىغان ياخشى قېرىنداشلار ئىدى، ھازىر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ھەقىقىي مېھىرلىك ئىدىيە ۋە توغرا بولغان ھەققانىيەت ۋە مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو- ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نى تۈزۈپ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن، قولايلىقىدىن ھەمبەھىرلىنىشىنى قوللاپ، جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقتى. بۈگۈنكى كۈندە، «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»دا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو- ئافرىقا خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈلدى، جۇڭگو- ئافرىقا بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر