باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو-ئافرىقا ئىتتىپاقلىقى يېڭى مۇساپىسى باشلاندى

2018.09.03 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، 2018- يىللىق جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى باشلاندى. بۇ، جۇڭگونىڭ بۇ يىلقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، چەتئەل رەھبەرلىرى ئەڭ كۆپ قاتناشقان ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى بۇ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئارىسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى تەدبىرلىرىنى جاكارلايدۇ. جۇڭگو يەنىلا جۇڭگو-ئافرىقا رەھبەرلىرى ئورتاق تەسۋىرلىگەن يېڭى دەۋر جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق پىلانى بويىچە، ئافرىقا بىلەن بىرلىكتە، بۇ يېڭى تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جۇڭگو بولسا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا بولسا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ. ئافرىقىدا ئىبولا يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئۇلارنى ئەڭ تېز ۋە جىددىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلىدى؛ جۇڭگو ئۇدا 9 يىل ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى؛جۇڭگو كارخانىلىرى كېنىيە مۇستەقىل بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ۋە ئۇگاندادىكى تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ھۆددىگە ئالغان ئىدى. جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنىڭ قول ئېلىشىپ كۆرۈشى نەتىجىسىدە، جۇڭگو ۋە ئافرىقىدىكى 2 مىليارد 600 مىليون خەلقنىڭ ئارزۇلىرى ئەمەلگە ئېشىپ ۋە بەختى كۆتۈرۈلۈپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

  «جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىرلىرى ئوخشاش بىر ئورتاق گەۋدىدۇر». «ئىككى تەرەپ ھەمىشە تەرەققىيات يولىدىكى سەمىمىي ھەمراھلاردىن، خەلقئارا ئىشلاردىكى تەبىئىي ئىتتىپاقداشلاردىن ھېسابلىنىدىغان بىر قوشۇندۇر. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئافرىقىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ھاياتىي كۈچ بەخش ئېتىدۇ». رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە قارىتا چىقارغان بۇ ھۆكۈمى ئەمەلىيەتتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى ئوچۇق جاكارلىدى. ئۆتكەن 5 يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىنى تۆت قېتىم زىيارەت قىلدى، ئافرىقا رەھبەرلىرى بىلەن 140 ئادەم قېتىم كۆرۈشتى. بۇ خىل يۇقىرى قاتلاملىق ئۆزئارا قويۇق ئالاقىلەر ئەمەلىيەتتە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىغا پۇختا سىياسىي ئاساس سالدى. ئۇنىڭ ھەقىقىي ۋە سەمىمىي بولغان سىياسەت ۋە ئىدىيەسى ۋە توغرا بولغان مەنپەئەت قارىشى، ھەمدە ئۇنىڭ پۈتكۈل خەلقئارا مۇناسىۋەت ساھەلىرىدە ھاسىل قىلغان كۈچلۈك تەسىرلەندۈرۈش كۈچى ۋە تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر