باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

مۇستەھكەم ئۇل، شانلىق نەتىجە (جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن 60 يىل•نىڭشيا يېڭى سەھىپە پۈتتى)

ـــ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسى

2018.08.20 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، خەلقنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك رايون قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن شانلىق سەھىپىلەرنى پۈتتى.

  مەيلى جۇغراپىيە، ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتە بولسۇن نىڭشيا روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  ھەيۋەتلىك خېلەنشەن تېغىنىڭ قاتمۇقات تاغ چوققىلىرى نىڭشيانى مۆتىدىل بەلباغ چۆلى ۋە مۆتىدىل بەلباغ چۆل تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەككە ئايرىغان.

  «خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا ئېقىنى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كەلمەيدۇ، پەقەت خېتاۋلا ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدۇ»، نىڭشيا تۈزلەڭلىكى چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردىن قېلىشمايدۇ؛ لېكىن شىخەيگۇ قاتارلىق جەنۇبىي قىسىمدىكى تاغلىق رايونلار تارىختا «مىسلىسىز نامرات» جاي دەپ ئاتالغان.

  بۈگۈنكى كۈندە شىخەيگۇنىڭ قالاق قىياپىتى ئۆزگىرىپ، گۇيۈەن شەھىرىنىڭ نامراتلىشىش نىسبىتى %8.4كە چۈشۈپ، يەنچى ناھىيەسى 9-ئايدا «نامراتلىق قالپىقى»نى ئالدىن چۆرىۋېتىشى مۇمكىن. پۈتۈن ئاپتونوم رايونغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھەممە جاي يېڭىچە قىياپەتكە كىردى.

  60 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش، 60 يىللىق ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەش. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىق شانلىق نەتىجىسى قانداق قولغا كەلگەن؟ كادىرلار، ئامما بىردەك مۇنداق جاۋاب بەردى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى! ئۇنىڭدىن ھاۋا ۋە كۆز قارچۇقىمىزغا ئوخشاش بىردەممۇ ئايرىلالمايمىز.نىڭشيانىڭ تىنچلىقى قانداق قولغا كەلگەن؟ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە قانداق تىنچ بولىدۇ؟

  باش كۈز ئۆتۈپ يولدا ماڭغىنىمىزدا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ يېڭى نىڭشيانى ئورتاق قۇرغاندىكى جانلىق كۆرۈنۈشىنى كۆردۇق، ۋە «مىللەتلەر مۇھەببىتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق.

  «پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئەمەلىيلەشسە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چىڭ تۇتۇلىدۇ»

  ـــــ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش مىللەتلەر خىزمىتىدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ تۈپ كاپالىتى.

  قائىدە بويىچە ئادەتتە مەسچىتنىڭ ئالدىغا مۇنار قويۇلمايدۇ. لېكىن شىجى ناھىيەسى دەنجياجى يېزىسىنىڭ شيايىتاڭ مەسچىتى ئالدىدا قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى خاتىرىلەش مۇنارى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

  نىڭشيانىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «قىزىل گېنى» قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپىرىدىن قالغان.

  1935-يىلى 8-ئايدا، قىزىل ئارمىيە 25-جۈنى ليۇپەنشەن تېغى ئېتىكىدىكى خۇيزۇ ئاھالىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دەنجياجى يېزىسىغا بېرىپ، ئۆتكەن يېرىدە ئاممىنىڭ قىلچىلىك نەرسىسىگىمۇ چېقىلماي، كوچىدا يېتىشقا رازى بولۇپ مەسچىتكە كىرمەي، ئەتىگەندە يەنە كوچىلارنى پاكىز تازىلاپ قويدى، جۇنجاڭ چېڭ زىخۇا مەسچتكە يەنە «خۇيزۇ، خەنزۇ قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن» دېگەن لەۋھەنى بەردى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى، رەئىس ماۋ زېدۇڭ مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنى باشلاپ دەنجياجىدىن ئۆتكەندە، ئامما ئۆزىنى قاچۇرماستىن، يەنە «توققۇز چوڭ چىنە» دېگەن ئەڭ ئالىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى. رەئىس ماۋ زېدۇڭ شيايىتاڭ مەسچىتىنىڭ شىمالىي ئۆيىدە ئاخۇن ما دېخەي بىلەن يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ئۇزاققىچە پاراڭلاشتى. كەچتە كىشىلەر ئىشىكنى سۆكۈپ ئېلىپ، ئىسسىق كاڭدا يېتىپ كۆنمىگەن رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ تېگىگە قويۇپ بەردى...

  1958-يىلى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى. ئاپتونوم رايون يېڭى قۇرۇلغاندا، ئاساسى ئاجىز، ناچار ئىدى، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نىڭشياغا ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، زور تۈركۈم ھەر قايسى مىللەت كادىرلار، تېخنىك خادىملار، ئوقۇتقۇچى، دوختۇر، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ۋە زىيالىي ياشلار نىڭشياغا ئاتلىنىپ، چۆل-باياۋانلاردا يىلتىز تارتتى.

  1972-يىلى، جۇ زۇڭلى شىخەيگۇدىكى نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ «يەيدىغانغا ئوزۇقى، كىيىدىغانغا كىيىمى يوق» ئىكەنلىكىنى بىلىپ ياش تۆكتى. شۇ يىلى مەركىزىي كومىتېت گۇيۈەن ۋىلايىتى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىخەيگۇنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلدى.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، مىللەت-دىن خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ، «ھاياتلىق قۇرۇلۇشى»«1-قول رەھبەر قۇرۇلۇشى»نى قانداق قىلىپ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بىرلا قارالما ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى شى تەيفېڭ كۆپ قېتىم مۇنداق دېگەن: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى مىللەتلەر خىزمىتىدە ئۇتۇق قازىنىشنىڭ، شۇنداقلا ھەر مىللەتنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ تۈپ كاپالىتى. نىڭشيانىڭ تىنچ بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش __ ھەر قانداق ۋاقىتتا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئومۇميۈزلۈك چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن مىللەتلەر خىزمىتىگە رەھبەرلىك، يېتەكچىلىك قىلىشتۇر.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر