باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى

___ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (5)

2018.06.19 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرلىنىشتەك خەلقئارا ئىدارە قىلىش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك». شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قايتا چاقىرىق قىلدى. دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، بىر تەرەپلىك مەستلىكى بىلەن قورۇقچىلىق پىكىر ئېقىمى باش كۆتۈرگەن ھازىرقى ئەھۋالدا، جۇڭگونىڭ بىر پۈتۈنلۈك ئىجابىي مەيدانى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇردى.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادا يەر شارىنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىشنى بىر خىل تەشۋىش تۇيغۇسى چىرمىۋالدى. بۇ خىل تەشۋىش تۇيغۇسىدا ئىككى خىل ئەھۋال مەۋجۇت: بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ سىياسەت ئۆزگىرىشىنى ۋەكىل قىلىپ، خەلقئارا ئىشلارنى قائىدە بويىچە، كۆپ تەرەپلىك بىر تەرەپ قىلىش كېرەكمۇ-يوق، بۇ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم «مەسىلە» بولۇپ قالدى،كىشىلەردە خەلقئارا تەرتىپنى تەڭشەش يۆنىلىشىگە قارىتا تەشۋىش پەيدا بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، خەلقئارا ئەندىزە تېز ئۆزگىرىپ، يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىس ئۈزلۈكسىز كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، يار شارىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى دەۋر ئۆزگىرىشىگە قانداق ماسلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرگە ھەقىقىي جاۋاب بېرىشمۇ تېخىمۇ كۆپ مۇنازىرە قوزغىدى.

  شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، دۇنيانى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئوبيېكتىپ زۆرۈرلۈكىدىن چەتنەشكە بولمايدۇ. ھالا بۈگۈنگىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن ئىدارە قىلىش خىرىسىنىڭ يەر شارى بىرلەشمە ھەرىكەت خاراكتېرى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ھەرقانداق دۆلەت بارلىق مەسىلىنى ئۆز ئالدىغا ھەل قىلغىنى يوق. بىر تەرەپلىك مەستلىكى، قورۇقچىلىق بىر دۆلەتكە مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە ئېلىپ كېلىدۇ. كىشىلەر ھازىرقى يەر شارىنى ئىدارە قىلىش ساھەسىدە كۆرگەن تۈرلۈك خاتالىقلار ۋە بىئاراملىقلار ئاساسلىقى ئىدىيە ئۆزگىرىشىنىڭ رېئال تەرەققىياتقا يېتىشەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر