باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تايانچى بولايلى

___ شى جىنپىڭنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى توغرىسىدا (5)

2018.03.26 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا %30تىل ئارتۇق تۆھپە قوشۇش نىسبىتى بىلەن دۇنيانىڭ ماتورىغا ئايلاندى؛ جۇڭگو ئاپتوموبىلى، جۇڭگو كۆۋرۈكى، جۇڭگو يولى، جۇڭگو تورى پۈتۈن دۇنيانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى؛ جۇڭگو پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملىدى... ھادىسىدىن ماھىيەتنى كۆرۈش ئارقىلىق، نۇرغۇن كىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ بارلىق مۆجىزىلەرنى يارىتىشنىڭ تۈپ سەۋەبى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى.

  «ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى ماركسىزملىق پارتىيەگە خاس خىسلىتىمىزنى مەڭگۈ ساقلاپ، مەڭگۈ دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تايانچى بولايلى!» 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىينىڭ 1-يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «ئۈچ مەڭگۈ» دېگەن بايانى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچنى تېخىمۇ ياخشى زىممىسىگە ئېلىشىغا يول كۆرسىتىپ بەردى. جاراڭلىق، سەمىمىي سۆزلەر چوڭ دۆلەت داھىسىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى نامايان قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ سەمىمىي ساداقەتمەن ئەسلى مەقسىتىنى ئەينەن ئىپادىلىدى.

  ياۋا غازلار يىراققا ئۇچقاندا باشلامچى غازنىڭ يېتەكچىلىكىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ كېمە مۇسابىقىسىدە بايراقدارنىڭ يول باشلىشىغا مۇھتاج. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگونىڭ ئالىي سىياسىي رەھبىرىي كۈچى، جۇڭگونىڭ ئىشىنى ياخشى بېجىرىشتە پارتىيە ئاچقۇچ. قاتمۇ-قات كىرىزىسقا تولغان ۋەزىيەتتە ئاپىرىدە بولغان، يالقۇنجىغان ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە تاۋلانغان، قاينام-تاشقىنلىق قۇرۇلۇشلار بىلەن قەد كۆتۈرگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش دولقۇنىدا زورايغان ئاشۇ ئاجايىپ شانلىق تارىخى مۇساپىگە قايتا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش» ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىدا چىڭ تۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشچىلىقىدا «جۇڭگو» ناملىق چوڭ پاراخوت يېپيېڭى سۇ رايونىغا كىردى. تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدى ۋە داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر