باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى: تور پونكىتلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى خالىغانچە قايتىدىن مونتاژ قىلىشىغا بولمايدۇ

2018.03.23 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى 22-مارت ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، توردىكى ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى تارقىتىش تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بارلىق پىروگرامما تور پونكىتلىرىنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ تارقىتىدىغان، چاكىنىلاشتۇرىدىغان، خۇنۇكلەشتۈرىدىغان پىروگراممىلارنى ئىشلىشىگە بولمايدۇ، كىلاسسىك ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى، رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، تور ئىجادىي ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنى قايتا مونتاژ قىلىپ، قايتا ئاۋاز بېرىپ، قايتا ئېكران چۈشەندۈرۈشى ئىشلىشىگە بولمايدۇ، بىر قانچە پىروگرامما بۆلەكلىرىنى ئۇلاپ يېڭى پىروگرامما قىلىپ قويۇشىغا بولمايدۇ، تەھرىرلىگەندىن كېيىن ئەسلى مەنىسىنى بۇرمىلاپ خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان ئەسەر پىروگرامما بۆلەكلىرىنى تارقىتىشىغا بولمايدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: يېقىندا قىسمەن تور ئۈن-سىن پىروگراممىلىرىنىڭ ئىشلىنىشى، كۆرسىتىلىشى قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى ئىنتايىن گەۋدىلىنىپ، ئىنتايىن ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلدى، يەنە بەزى پىروگراممىلار قانۇنسىز تور ئۈن-سىن سۇپىسى ۋە ئالاقىدار قانۇنسىز ئۈن-سىن مەھسۇلاتلىرىنى پروگرامما نامى قىلىپ ئىشلىتىپ، قانۇنسىز ئۈن-سىن مەزمۇنلىرىنىڭ توردا تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بەردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تارماقلىرى تورداشلار يوللىغاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇشۇنىڭدەك قايتا تەھرىرلەنگەن نومۇرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، يۆنىلىشىدە، نەشر ھوقۇقىدا، مەزمۇنىدا چاتاق بار، كېسىپ ئۇلانغان، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان ئۈن-سىن نومۇرلىرىنى تارقىتىش يولى بىلەن تەمىنلىمەسلىكى كېرەك. پىروگراممىنىڭ نەشر ھوقۇقى بار تەرەپ، رادىيو-تېلېۋىزىيە تارقىتىش ئاپپاراتى، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىشلەش ئاپپاراتى ئەرز قىلغان بۇ خىلدىكى پىروگراممىلارنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر