باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بۇ يىللىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك

2018.03.23 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قىلىشنىڭ ھالقىلىق يىلى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى نىشان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئوقۇشۇمچە، بۇ يىل جايلار شارائىتىغا قاراپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش سېخى، مەھەللە زاۋۇتى، ھەمراھ زاۋۇت قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىلەرنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىدىكەن. ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچى، ئىستۇدېنت، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەر قاتارلىقلارنى نامرات ناھىيە، يېزا، كەنتلەرگە بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ نامرات كەنتلەرگە قايتىپ تۈر قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە قۇرۇشىنى قوللاپ، نامرات كەنتلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش باشلامچىلىرىنى تەربىيەلەيدىكەن، شۇنداقلا شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلاردىكى ھەمكارلاشقان ئۆلكىلەر ئەمگەك-مۇلازىمەتنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىگە ماس كېلىدىغان ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ، ئۆلكە ھالقىغان، دائىملىق ئىش ئورنى ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ۋە ئېلان قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھەر خىل خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئارىسىدا تۇتاشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلايدىكەن.

  ئېغىر نامرات رايونلار بۇ يىللىق نامراتلارنى يۆلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئالاقىدار تارماقلار ئېغىر نامرات رايونلاردىكى قاتناش قولايسىز بولۇش، نامرات ئەمگەك كۈچلىرى تىل بىلمەسلىك، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ھەر خىل سىياسەت، مۇلازىمەت ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، مۇلازىمەت، تەربىيەلەشنىڭ دەللىكىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەرگە قارىتا «بىر ئائىلىگە بىر سىياسەت» قوللىنىپ، بىر ئائىلىدىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر