باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يولۇچىلار پايتەخت ئايرودۇرۇمىدا چىقىمدان ئارقىلىق ئىمپورت بېجى تاپشۇرۇشقا بولىدۇ

2018.03.23 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن بۇيۇملارنىڭ ئىمپورت بېجىنى كۆچمە چىقىمدان ئارقىلىق تاپشۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلدى. يولۇچىلار يان تېلېفوندىكى «چىقىمدان»، «ئۈندىداردا چىقىم قىلىش» قاتارلىق كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئەڭ تېز بولغاندا ئۈچ سېكۇنتتىلا كودنى سكاننېرلاش ئارقىلىق سەپەر پوچتا ئىمپورت بېجى تاپشۇرالايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يولۇچىلار ئىلگىرى ئادەتتە نەق پۇل ياكى بانكا كارتىسى ئىشلىتىپ تاموژنا يولۇچىلار تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدا باج تاپشۇرغىلى بولار ئىكەن، بەزى يولۇچىلار نەق پۇل ياكى بانكا كارتىسى ئېلىپ يۈرمىگەنلىك سەۋەبىدىن، ئۇلار نەق مەيداندا تاموژنا بېجى تاپشۇرالماي، چوقۇم ئايرودۇرۇمغا يەنە بىر قېتىم قايتىپ بېرىپ باج پۇلىنى تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى لازىم ئىدى. 2017- يىلى بېيجىڭ رايونىدىكى چېگرادىن كىرگەن-چىققان يولۇچىلار سانى تەخمىنەن 244 مىليون 750 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5 ئاشقان. ھازىر بانكا ۋە پوچتا بېجى تۆلەش ئۇسۇلى ۋە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىگىمۇ يەنە يېڭى تەلەپ قويۇلدى. پايتەخت ئايرودۇرۇمى تاموژنىسى پائال ھالدا بانكا قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پىكىرلىشىپ، ئۇنى نۆۋەتتە ئاساسىي ئېقىم بولىۋاتقان ئۇسۇل بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يولۇچىلار تاموژنىدىن ئۆتكەندە نەق مەيداندا باج تاپشۇرۇشتا مەخسۇس ئىشلىتىلىنىدىغان POS ماشىنىسىنى يېڭىلىدى، شۇنىڭ بىلەن، يولۇچىلارنىڭ سەپەر-پوچتا ئىمپورت بېجى تاپشۇرۇشتىكى كۆچمە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھالدا ئاشۇردى، ھەمدە چېگرا ھالقىپ ئىستېمال قىلىدىغان يولۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر