باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا 301 تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن، دېگەن بۇ خەۋەرگە جاۋاب بەردى

جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغدايدۇ

2018.03.23 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئۆزىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان 301 تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە قوللانغان چەكلەش تەدبىرىنى ئېلان قىلىشى مۇمكىن. بۇ خەۋەرگە قارىتا، سودا مىنىستىرلىقى 22- ماي مۇنداق دەپ ئىنكاس قايتۇردى: بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قەتئىي قوغدايمىز.

  يېقىنقى خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا جۇڭگوغا قاراتقان 301 تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە جۇڭگوغا قوللانغان چەكلەش تەدبىرىنى پات ئارىدا ئېلان قىلارمىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭدا ئامېرىكىنىڭ كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى، يەنە 45 سودا جەمئىيىتىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا قارشى پىكىرنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغانلىقى دېيىلگەن.

  سودا مىنىستىرلىقى قانۇن- نىزام مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 301 تەكشۈرۈشى توغرىسىدا، بىز جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم مەيدانىمىزنى ئىپادىلىگەن، بىز ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل بىر تەرەپلىمىلىك ئىدىيەسى ۋە سودا قورۇقچىلىقى قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز، دېدى.

  بۇ مەسئۇل كىشى يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ، چوقۇم بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ. بىز ئامېرىكىدىن شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ئۇ جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ماھىيەتىنى تونۇپ ئېتىپ، باشقىلارغا يامانلىق قىلغانلىق ئۆزىنى قەستلىگەنلىك ھېسابلىنىدىغان بۇ خىل ھەرىكەتنى قىلماسلىقى كېرەك.

  ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ «ئۇل تىشى» ۋە «ئالغا سىلجىتقۇچىسى» ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى 40 يىلچە بولۇپ قالدى، سودا كۆلىمى 232 ھەسسە ئاشتى، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشى جەمئىي 230 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر