باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

5- ئايدىن باشلاپ 4- يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر قىسىم پۇل تۈرلىرى ئوبوروتتىن توختىتىلىدۇ

2018.03.23 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇ يىل 1- مايدىن باشلاپ، 4- يۈرۈش خەلق پۇلىدىكى 100 يۈەنلىك، 50 يۈەنلىك، 10 يۈەنلىك، بەش يۈەنلىك، ئىككى يۈەنلىك، بىر يۈەنلىك، ئىككى مولۇق قەغەز پۇللار ۋە بىر مولۇق تەڭگە پۇللارنىڭ بازاردا ئوبوروت قىلىنمايدىغانلىقىنى قارار قىلدى. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى 4- يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر قىسىم پۇل تۈرلىرىنىڭ مەركەزلىك ھالدا ئالماشتۇرۇلۇش مۇددىتى 2018- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2019- يىلى 4- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ. بۇ ئارىلىقتا، قولىدا بۇ تۈردىكى پۇللىرى بولغانلار ھەرقايسى بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت تور پونكىتلىرىگە بېرىپ ئالماشتۇرسا بولىدۇ. مەركەزلىك ھالدا ئالماشتۇرۇش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قولىدا 4- يۈرۈش خەلق پۇلىنىڭ بىر قىسىم پۇل تۈرلىرى بولغانلار، جۇڭگو خەلق بانكىسى شۆبە-تارماق ئاپپاراتلىرى تاللىغان بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ پۇل ئالماشتۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر