3- ئاينىڭ 21- كۈنى، چەتتىن كەلگەن سودىگەرلەر ئىسپانىيە مادرىدتا دۇنيا زەيتۇن مېيى يەرمەنكىسىدە كەسىپ ئۈستىدە مەسلىھەتلەشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:3- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە، دۇنيا زەيتۇن مېيى يەرمەنكىسى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى يەرمەنكىدە ئىسپانىيە، ئامېرىكا، ماراكەش ۋە تۇنىس قاتارلىق سەككىز دۆلەتتىن ئەۋەتىلگەن كارخانا ۋە رايون ۋەكىل ئۆمەكلىرى يەرمەنكىگە قاتناشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 30تىن كۆپ دۆلەت ۋە رايوندىن بۇ يىغىنغا كەلگەن 6000دىن ئارتۇق سودىگەر ئېكسكۇرسىيە قىلىش ۋە سودىلىق قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. بۇ مەزگىلدە، يەنە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەلەر ۋە ئالماشتۇرۇش يىغىنلىرى دېگەندەك بىر نەچچە مەيدان پائالىيەتلەرمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى