باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ترامپ جۇڭگو تاۋارلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەمدە تاموژنا بېجى ئېلىش ھەققىدە ئەسلەتمە ئىمزالىدى

2018.03.23 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 22-مارت زۇڭتۇڭ ئەسلەتمىسى ئىمزالاپ، «301 تەكشۈرۈشى» نەتىجىسىگە ئاساسەن، جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تاموژنا بېجى ئېلىش ھەمدە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىپ سېتىۋېلىشىغا چەك قويۇش چەكلىمىسىنى يولغا قويدى. ترامپ ئاق سارايدا ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن تاراتقۇلارغا: باجغا چېتىلىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ كۆلىمى 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، دېدى. جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى بۇندىن بۇرۇن: جۇڭگو تەرەپ ھوقۇق- مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىغا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ، چوقۇم بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

  شۇ كۈنى ئىمزالانغان ئەسلەتمىگە ئاساسەن، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى 15 كۈن ئىچىدە جۇڭگو تاۋارلىرىغا تاموژنا بېجى ئېلىش كونكرېت لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى يەنە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا جۇڭگو ئۈستىدىن دەۋا قىلىدىكەن. ئۇندىن باشقا، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 60 كۈن ئىچىدە لايىھە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى قوشۇۋېلىشىغا چەك قويىدىكەن.

  شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئاق ساراي ئەمەلدارى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا: باج ئېلىشقا چېتىلىدىغان جۇڭگو تاۋارلىرىنىڭ قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ، دېدى.

  ئامېرىكا سودا ۋەكىلى ئىشخانىسى بۇلتۇر 8-ئايدا جۇڭگوغا قارىتا «301 تەكشۈرۈشى»نى يولغا قويغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ئاتالمىش «301 تەكشۈرۈشى» ئامېرىكىنىڭ «1974- يىلىدىكى سودا قانۇنى»نىڭ 301- ماددىسىدىن كەلگەن. بۇ ماددا ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلىگە باشقا دۆلەتلەرنىڭ «نامۇۋاپىق ياكى ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلى» ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى يولغا قويۇش ھەمدە تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا سودىدا ئېتىبار بېرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاق تەرەپلىك جازالاشنى يولغا قويۇش تەكلىپى بېرىش ھوقۇقى بەرگەن. بۇ تەكشۈرۈشنى ئامېرىكا ئۆزى قوزغاپ، تەكشۈرۈپ، ھۆكۈم قىلىپ، ئىجرا قىلىدىغان بولۇپ، كۈچلۈك بىر تەرەپلىمىلىك تۈسى بار.

  ئامېرىكا ئۇچۇر تېخنىكىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىش فوندى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ترامپ ھۆكۈمىتى جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىنغان ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن %25لىك تاموژنا بېجى ئالسا، بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق ئىقتىسادىغا تەخمىنەن 332 مىليارد دوللارلىق زىيان يەتكۈزىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر