باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىدۇق، نەزەر دائىرىمىز تېخىمۇ كېڭەيدى

___ « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىش خاتىرىسى

2018.03.23 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان چوڭقۇر ئۆزگىرىش.

  «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نىڭ تولۇق تېكىستى 21-مارت سىرتقا ئېلان قىلىندى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لايىھەدىكى گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئالاقىدار مەزمۇنلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، « ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى»مۇ ئېلان قىلىندى.

  كۈتۈلمىگەن، مىسلىسىز، ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىش، چوڭقۇر قايتىدىن قۇرۇش.... دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكىلەر بۇ قېتىملىق ئاپپارات ئىسلاھاتىغا يۈكسەك باھا بەردى.

  پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى كۈچەپ تەڭشەش ۋە ئىسلاھ قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يىراقنى كۆرەرلىكىنى تولۇق ئىپادىلىدى، بۇ چوقۇم «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانغا يېتىش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  بىر قىزىل سىزىق باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلدى ___ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كۈچەيتىش پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى ۋە ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالدى.

  مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبال، مۈشكۈل خىرىسلار بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىپىسى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولغان پارتىيە ۋە دۆلەتنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرۈشكە زۆرۈر تەلەپلەرنى قويدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر