باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.03.23 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ۋە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  «تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «يېڭى دەۋردىكى سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھات لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماھارەت يېتەكچىلىكىدىكى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش، سەمىمىي ئەمگەك قىلىش، ئىجادىي ئەمگەك قىلىشقا يەنىمۇ ئىلھاملاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، مۇلازىمەتنىڭ 1-سېپىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئەمگەكچىلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىلىملىك، ماھارەتلىك، ئىجادچان ئەمگەكچىلەر قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەكنى شەرەپ دەپ بىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان كەسىپنى قەدىرلەش ئىستىلىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا تۆۋەندىكىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  بىرىنچى، يېتەكچى ئىدىيە

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تىكلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى، جان-دىل بىلەن ئىشچىلار سىنىپىغا تايىنىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت، كارخانا، جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلارنى تەربىيەلەش، باھالاش، ئىشلىتىش، ئىلھاملاندۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىسى يۇقىرىلار، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تېخنىك ئىشچىلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر