باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرايلى

__مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(1)

2017.12.22 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك.

  ئەمدىلا يېپلغان مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، ئېلىمىزنىڭ پارتىيە18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئىلمىي يەكۈنلەپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتۈشتىكى تەلەپ ۋە سىياسەت يۆنىلىشىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىساد مەيدانى، قارىشى، ئۇسۇلى ئىزچىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە ئېلىمىز ئىقتىسادىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويۇشقا يېتەكلەشتىكى تۈپ قوللانما.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىمۇ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، ئىقتىساد خىزمىتى تەدبىرىنى توغرا بەلگىلەپ، تەرەققىيات تەپەككۇرىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلەپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىساد ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. بەش يىلدىن بۇيان ئىنتايىن مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئاجايىپ مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق، بۇنىڭ ئەڭ تۈپ سەۋەبى دەل مۇشۇ ئىدىيەنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر