باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى دۇنياغا نەپ يەتكۈزمەكتە

2017.07.19 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-ئىيۇل جۇڭگونىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇنداق يارقىن نەتىجە تىزىملىكىنى نامايەن قىلىشى- جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

  يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ساھەسىدە ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى تېزدىن ئالماشتى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۇرغىدى، ئىقتىسادى تەرەققىيات داۋامىدىكى يېڭى كۈچلەر ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىشتىن بارلىققا كەلگەندىن غايەت زور ئېنېرگىيەسى دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كەلدى.

  بىر مەزگىلدىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو ئىقتىسادىدا بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقىدىن جۇڭگونىڭ ئەقلى ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقىغىچە، جۇڭگو كۆپەيتىشتىن جۇڭگونىڭكىنى كۆپەيتىشكىچە، تەرەققىياتتا يېڭىلىق يارىتىش بارغانچە دۇنيانىڭ جۇڭگوغا دىققەت قىلىشىدىكى يېڭى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، جۇڭگوغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولدى.

  جۇڭگودا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان 1-ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى، تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەردىن يېڭىلىق يارىتىشقا قوزغىتىشتىكى سۈرئەت ئايان بولدى. 2016-يىلى پەن تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتقا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %56.2گە ئۆستى؛ جۇڭگو كارخانىلىرى كۆچمە چىقىم قىلىش، ئىقتىسادتىن تەڭ بەھرىلىنىش قاتارلىق يېڭى ئىقتىسادى جەھەتلەردە دۇنيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان "ۋول كوچىسى گېزىتى"دە جۇڭگونىڭ رولىدىكى ئۆزگىرىشكە مۇنداق دەپ باھا بېرىلدى: جۇڭگونىڭ ئىلگىرىكى ئەرزان ئەمگەك كۈچى دۇنياغا داڭلىق ئىدى، ھازىر جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنياغا تۆھپە قوشىدىغان بولدى.

  دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولغان جۇڭگو ئۇددا بىر قانچە يىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى 1-موتورغا ئايلاندى، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەمەلىيىتى كۈچلۈك تاشما ۋە ئۈلگىلىك خاراكتېرىگە ئىگە، بۇ دۇنيا كۈتۈۋاتقان مۇھىم تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  نۆۋەتتىكى ئېشىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يەنىلا يېتەرسىز بولۇۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يېڭىلىق يارىتىش- ئېشىش قۇلۇپىنى تۈپتىن ئېچىشتىكى ئاچقۇچ. جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەشەببۇسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ تۈردە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ئالايلۇق: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئەمەلىي قېلىپىنى قارارىغا كىرگۈزدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا چاقىردى؛ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا سىپىرلىق ئىقتىساد مىنىستىرلىرى يىغىنى ئېچىلدى، بۇ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىكى سىپىرلىق ئىقتىساد، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى قاتارلىق ئېشىشتا يېڭىلىق يارىتىش قارالمىلىرى توغرىسىدىكى تەشەببۇسلار بىلەن باب كېلىدۇ. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ رەئىسى شىۋاب مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو دۇنياغا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.

  يېڭىلىق يارىتىشمۇ جۇڭگو بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ يېڭى قېلىپى، شۇنداقلا خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى يارقىن نۇقتا بولۇپ قالدى: گېرمانىيە بىلەن بولغان يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، شىۋېيتسارىيە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئىسرائىلىيە بىلەن يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى، مۇشۇنداق شېرىكلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلىشى يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا يېڭى مەزمۇن قوشتى.

  تۈزۈلمە مېخانىزم ئىسلاھاتى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ھاياتى كۈچى ئۇرغۇتۇلدى، ئۈزلۈكسىز تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق بولغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سەرخىللاشتۇرۇلدى، بۇ جەھەتتىكى ئۈنۈملەرمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى ناھايىتى زور دەرىجىدە قوزغىماقتا. يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو جەمئىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساق بولىدىغان ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئۈچ يىلدىن بۇيان كۈنىگە يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان بازار سۇبيېكتى 40 مىڭدىن ئاشتى، بۇ خىل ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى نۇرغۇن خەلقئارا جامائەتچىلىكنى تاڭ قالدۇردى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان "فۇبۇس" قوش ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا مۇنداق دېيىلدى: كارخانىچىلار قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىسا ياكى ئىستېمالچىلارنى ئالدىمىسىلا، جۇڭگو جەمئىيىتى سىناق قىلىش ۋە خاتالىق سادىر قىلىشقا يول قويىدۇ، جۇڭگو ئۇزۇن تارىختا ھەقىقىي يېڭىلىق يارىتىش دەۋرىگە قەدەم قويدى.

  لېكىن شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، تېخىمۇ چوڭقۇر يېڭىلىق يارىتىش ئۈستۈنلۈكىنى يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو يەنە نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئالايلۇق: مائارىپ سىستېمىسىدا تېخىمۇ كۆپ مۇستەقىل پىكىر قىلىش روھىغا يول قويۇش كېرەك، ئىدىيەنى يەنىمۇ ئازاد قىلىشقا ئىلھام بېرىش لازىم؛ دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ساھەسى يەنىلا چەكلىك، يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىش- كەلگۈسىدىكى تىرىشىش يۆنىلىشى.

  يېڭىلىق يارىتىش بىر دۆلەتنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشىدىكى تۈگىمەس بۇلاق. شۇنداقلا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەڭ روشەن مىللىي ئالاھىدىلىكى. ھازىرقى جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەشكە جۈرئەت قىلماقتا، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەقىل پاراسىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە ماھىر بولماقتا، جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش يېڭى يولى جەزمەن ماڭغانسېرى كەڭ بولىدۇ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىجابىي تاشمىسى بارغانچە كۆپىيىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر