باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش يېڭى بەلگىلىمىسى: ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىنى بېكىتىشكە بولىدۇ

خۇپىيانە ئۈستەك ئېلىش چەكلىنىدۇ

2017.07.19 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئەمەلىيىتىدە، سۈپىتى ناچار، باھاسى يۇقىرى بولۇش، ناچار رىقابەتلىشىش، ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېڭى «ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋالىدىغان ماللار ۋە خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار بولۇشنى باشقۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش چارىسى» نى ئېلان قىلدى.

  يېڭى چارىدە مۇنداق بەلگىلەندى: سېتىۋالغۇچى بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئوبيېكتىنىڭ بازار تېخنىكىسى ياكى مۇلازىمەت سەۋىيەسى، تەمىنلەش، باھا قاتارلىق ئەھۋالى توغرىسىدا بازار تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كاپىتال تەقسىماتى ئۆلچىمى قاتارلىق ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان بىر تۇتاش سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى بېكىتىپ، باھانى مۆلچەرلىمە ھېساب قىلىشى كېرەك. سېتىۋالغۇچى باھا مۆلچەرلىمە ھېسابات ئەھۋالىغا ئاساسەن، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش خامچوت سوممىسى دائىرىسىدە ئەڭ يۇقىرى باھا چېكىنى بېكىتسە بولىدۇ، بىراق ئەڭ تۆۋەن باھا چېكىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ.

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق تۈزىتىش ئارقىلىق ئادىل سودىلىشىش قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئاشكارا بولۇش ۋە ئادىل بولۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، خۇپىيانە ئۈستەك بېرىش چەكلىنىدۇ. يېڭى چارىنىڭ 6-ماددا 2-تارمىقىدا مۇنداق بەلگىلەندى: سېتىۋالغۇچى تەمىنلىگۈچى سودىگەردىن سوۋغات تەلەپ قىلسا ياكى قوبۇل قىلسا، شۇنداقلا ئۈستەك ياكى بىر تۇتاش سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتسىز تاۋار، مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلسا بولمايدۇ.

  چارىدە يەنە مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىق بەلگىلەندى، سېتىۋالغۇچى يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، مالىيە تارماقلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ، بىۋاسىتە مەسئۇل بولغان مەسئۇل كىشى ۋە باشقا بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمغا شۇ مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار ياكى ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە جازا بېرىدۇ ھەم ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ؛ جىنايەتكە چېتىلسا، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

  يېڭى چارىدە يەنە بىر قاتار تەدبىرلەر بەلگىلىنىپ، تەمىىنلىگۈچى سودىگەرلەرنىڭ خېرىدار بولۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، خېرىدار بولۇشنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى. يېڭى چارىگە ئاساسەن، سېتىۋالغۇچى، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش ئاپپاراتى ئادەتتە خېرىدار بولغۇچىدىن نۇسخا بۇيۇم تەلەپ قىلسا بولمايدۇ، سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى يازما شەكىلدە توغرا شەرھىلەپ بېرەلمىگەن ياكى نۇسخا بۇيۇمغا سوبيېكتىپ ھۆكۈم قىلىش ئارقىلىق سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالىغان-قاندۇرالمىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن ئالاھىدە ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا.

  بۇنىڭدىن سىرت، يېڭى چارىدە يەنە مۇنداق بەلگىلەندى: خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتىدە سېتىش باھاسى تولۇقلاپ ئىشلەش، پوچتىدىن ئەۋەتىش تەننەرخى پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىلىشى كېرەك، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلىشقا بولمايدۇ؛ سالاھىيەتنى ئالدىن تەكشۈرۈش ھۆججىتى بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش كېرەك؛ بىر تۇتاش سېتىۋالغۇچى ئورۇندىن مۆھلەت ئىچىدە خېرىدار بولۇش كاپالەت پۇلىنى قايتۇرۇش، خېرىدار چاقىرىش توختىتىلغان بولسا، خېرىدار چاقىرىش ھۆججىتى ھەققىنى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، يېڭى چارە 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر