باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىلى شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشىغا 56 مىليارد 169 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى

ۋەزىپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان

2017.07.19 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18 -ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان تۈرلەر، ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا ئائىت 9-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، 10-ئىيۇلغىچە شىنجاڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرىگە جەمئىي 56 مىليارد 169 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەنيىللىق پىلاندىكى ۋەزىپىنىڭ %28ى تاماملانغان. بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدە تاماملانغان مەبلەغ سوممىسىنىڭ 5.1 ھەسسىسىگە، 2016-يىلى پۈتۈن بىر يىلدا سېلىنغان مەبلەغ (36 مىليارد يۈەن) نىڭ 1.6 ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تىرانسپورت نازارىتىنىڭ نازىرى زۇلپىيە ئابدۇقادىرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2017-يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش قۇرۇلۇش تۈرى 4347، جەمئىي سېلىنىدىغان مەبلەغ 821 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، پىلاندىكى مەبلەغنىڭ 200 مىليارد 600 مىليون يۈەن قىسمى تاماملانغان. 10-ئىيۇلغىچە، 3833 تۈرنىڭ لايىھەسى تاماملىنىپ 3287 تۈردە ئىش باشلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر