خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى 17-ئىيۇل مۇنداق دېدى: زۇڭلى بېنيامىن نېتانياخۇ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ھاسىل قىلغان سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارشى تۇردى، چۈنكى بۇ ئىراننىڭ سۇرىيەدىكى مەۋجۇدلۇقىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋىلادىمىر پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، سۇرىيەنىڭ جەنۇبىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. گرېنۋىچ ۋاقتى 9- ئىيۇل سائەت توققۇز (بېيجىڭ ۋاقتى 19-كۈنى)دىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سۇرىيەنىڭ دارە ئۆلكىسى، ئەلقۇنىيتارا ئۆلكىسى ۋە سۇۋايد ئۆلكىسىدە كۈچكە ئىگە بولدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە كونترول قىلىۋاتقان گولان ئېگىزلىكىمۇ يۇقارقى رايونلارغا جايلاشقان بولۇپ، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى قوراللىقلارنىڭ توقۇنۇشىمۇ بەزىدە گولان ئىگىزلىكىگە يامرايدۇ، ئىسرائىلىيە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى