خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، پاكىستاننىڭ پېشاۋاردا، بىخەتەرلىك قىسىملىرى پارتلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداننى قامال قىلدى. پاكىستان ساقچى دائىرىلىرىنىڭ 17–فېۋرال دېيىشىچە، پاكىستان بىر غەيرىي رەسمىي ھەربىي قىسىمىنىڭ ئاپتوموبىلى شۇ كۈنى كىبېر - پۇشتۇ ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى پېشاۋار شەھىرىدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىككى ئادەم ئۆلگەن، نەچچە ئادەم يارىلانغان. ئارقىدىن پاكىستاندىكى تالىبانلار بۇ قېتىملىق ھۇجۇمغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى