باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

كېسەل كۆرسەتكەندە بۇ توققۇز ئىشنى قىلماڭ

خۇنەن جۇڭيى دورىگەرلىكى ئۇنىۋېرسىتېتى 1– تارماق دوختۇرخانىسى جۇڭگو تېبابىتى تاشقى بۆلۈمىدىن چېن چىخۇا

2017.07.17 17:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇن كىشىلەر دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەندە، بەزى ئىشلارغا دىققەت قىلماي، دوختۇرلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا توغرا ھۆكۈم قىلىشى ۋە دىئاگنوز قويۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، داۋالاش لايىھەسىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. تۆۋەندىكى بۇ ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى قىلمىغان ياخشى.

  1. گىرىم قىلماڭ. كۆرۈپ دىئاگنۇز قويۇش دوختۇرنىڭ كېسەل كۆرۈشتىكى ئاساسىي ئۇسۇللىرىدىن بىرى. كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يوشۇرۇنۇپ قېلىپ، دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ تېرىسىنى كۆزىتىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ، دوختۇرنىڭ توپلىغان كلىنىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى خاتالاشتۇرۇپ، دىئاگنوز قويۇشقا تەسىر كۆرسىتىش، ھەتتا خاتا ھۆكۈم قىلىشىغا سەۋەبچى بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېسەل كۆرسىتىشتىن بۇرۇن، ئۇپا، لەۋلىك، كۆز سۈرمىسى، تىرناق لاكى قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەڭ.

  2. تىلنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان يېمەكلىك ۋە دورا يېمەڭ. تىل بولسا جۇڭگو تېبابىتىدە بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىنى كۆزىتىشتىكى «ئەينەك» ھېسابلىنىدۇ. جۇڭيى تىبابىتىدە تىلنى كۆزىتىشتە، ئاساسلىقى تىل گېزى ۋە تىل سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆزىتىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، يېمەكلىك ياكى دورا ئارقىلىق بويالغان ساختا ھالەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ: تىل گېزىنى ئاق، مايلىشاڭغۇ قىلىۋېتىدىغان كالا سۈتى ۋە قاتتىق شاكاللىق مېۋە؛ تىل گېزىنى قارىدىتىۋېتىدىغان مىرىكا، قارىئۆرۈك، شاكىلات، قەھۋە قاتارلىقلار، تىل گېزىنى سارغايتىۋېتىدىغان ئاپېلسىن، تاتلىق ياڭيۇ قاتارلىقلار؛ تىل قىزارتىۋېتىدىغان زىيادە قايناق سۇ ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەردىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك.

  3. ئەتىر ئىشلەتمەڭ. پۇراقنى پۇراش جۇڭيى تىبابىتىدىكى پۇراپ دىئاگنوز قويۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئادەم بەدىنىدىكى ھەرخىل پۇراقلارنىڭ ھەممىسى ئىچكى ئەزالارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ياكى پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا پەيدا بولغان، بەزىدە بىمارنىڭ تېنىدىكى پۇراق ئارقىلىق كېسىلىگە ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەتىر ياكى پۇرىقى كۈچلۈك بولغان تېرە ئاسراش بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئۆزىنىڭ پۇرىقىنى يوشۇرۇپ، دىئاگنوز قويۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىمارلار دوختۇرغا كۆرۈنۈشتىن ئىلگىرى سامساق قاتارلىق پۇرىقى كۈچلۈك بولغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكى لازىم.

  4. جىددىي ھەرىكەت قىلماڭ. تومۇر تۇتۇش جۇڭيى تىبابىتىدىكى كېسەل كۆرۈشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، جۇڭگو تېبابىتىدىكى تومۇر تۇتۇشتا ئاساسلىقى تومۇر تۇتۇپ، تومۇر رايىنىڭ ئۆزگىرىشى كۆزىتىلىدۇ. ھالبۇكى، تومۇر رايىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىچكى ئەزالاردىكى يەل ۋە قاننىڭ ئايلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بەك ھاياجانلانغاندا ۋە قاتتىق ھەرىكەت قىلغاندا، تومۇر تېخىمۇ تېز ھەم كۈچلۈك سوقۇپ، تومۇرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئاسانلا يوشۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىمارلار كېسەل كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى جىددىي ھەرىكەت قىلىش ياكى زىيادە ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىشى لازىم، ئەگەر ئەمدىلا تەنھەرىكەت قىلغان ياكى پەلەمپەيدىن چىققان بولسا، بىر مەزگىل دەم ئېلىپ، تومۇر سوقۇشى مۇقىملاشقاندىن كېيىن دوختۇرغا تومۇر تۇتقۇزۇش لازىم.

  5. بەك چىپ كېلىدىغان كىيىم كىيمەڭ . بەدەننى تەكشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ كېسەل كۆرۈشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان تەكشۈرۈپ دىياگنوز قويۇش باسقۇچى، تەپسىلىي تەكشۈرۈش دوختۇرلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى توغرا ئىگىلەپ، كېسەلگە توغرا دىئاگنوز قويۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەگەر كىيگەن كىيىم بەك چىڭ بولسا، بەزى فىزىيولوگىيەلىك ۋە پاتولوگىيەلىك رېفلېكسلارنى يوشۇرۇپ قېلىپ، دوختۇرنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، دوختۇرنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا ماسلىشىشقا قولاي بولۇشى ئۈچۈن، كېسەل كۆرسەتكەندە ئىمكانقەدەر ئازادە كىيىملەرنى كىيىش لازىم.

  6. كېسەللىك ئەھۋالىنى يوشۇرماڭ. كېسەل تارىخىنى سوراپ دىئاگنوز قويۇش دوختۇرلار دىئاگىنوز قويۇشتا بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىشتىكى مۇھىم ئۇسۇل، بىمارلار چوقۇم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، دوختۇرغا كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇشى ھەمدە دوختۇرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشى لازىم، ئەھۋالنى يوشۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. بولۇپمۇ مۇشۇ كېسەل بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەسىلىلەرنى يوشۇرۇش كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇشقا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دوختۇرنىڭ خاتا دىئاگنوز قويۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، چوقۇم راست گەپ قىلىش لازىم.

  7. دوختۇرلارنى بەك كۆپ ئالماشتۇرماڭ. نۇرغۇن سوزۇلما كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن، داۋالاش ئۈنۈمى بەلگىلىك ۋاقىتتا ئاندىن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، داۋالاش بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. شۇڭا بىر نەچچە دورىنىڭ ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىسىلا دوختۇر دەرھال ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوختۇرلارنىڭ بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، توغرا ئىگىلىشى ئۈچۈنمۇ بىر جەريان كېتىدۇ، ھەممە دوختۇرلار بىمارلارنىڭ ئەھۋالىنى بەش- ئالتە مىنۇت ئىچىدىلا پۈتۈنلەي چۈشىنىپ بولالمايدۇ. دوختۇرلارنى بەك كۆپ ئالماشتۇرۇش داۋالاشنىڭ تەكرار بولۇشىنى ياكى كېچىكتۈرۈلۈشىنى پەيدا قىلىدۇ.

  8. دورىلارنى خالىغانچە ئىشلەتمەڭ. كېسەللىكلەرگە دېئاگىنوز قويۇپ داۋالاش جەريانىدا، دوختۇرلار بىمارلارنىڭ يەككە تەن پەرقىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇشنىڭ سەۋەبى، ۋاقتى، ئورنى، كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلارنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبلىك، داۋالاشتىكى بىرىلگەن دورىلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر دورا يەپ داۋالىنىپ ساقايغاندىن كېيىن، كېيىنچە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە ئىشلىتىش ئۈچۈن، دورا ياكى رىتسىپنى خاتىرىلەپ قويىدۇ؛ ياكى باشقىلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسا، باشقىلارنىڭ رېتسېپىنى ئېلىپ ئۆزى دورا ئىچىدۇ. بۇ ئۇسۇل خاتا، ھەتتا ناھايىتى خەتەرلىك. بىمارلار ۋاقتىدا كېسەل كۆرسىتىشى كېرەك، دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن داۋالاش لاھىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەيدۇ. ئۆز ئالدىغا دورا يېيىشكە ياكى باشقىلارنىڭ رېتسېپىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ.

  9. كېسەللىك تارىخى ماتېرىيالىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ھەر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە، دوختۇرلار كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى يازىدۇ، يەنە بەزى تەكشۈرۈش نەتىجىسىمۇ بار بولۇپ، بۇ ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى مۇھىم، كېلەر قېتىم دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە پايدىلىنىشقا بولىدۇ. شۇڭا بىمارلار ھەر قېتىم كېسەل كۆرسەتكەندە بارلىق كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرىنى، بولۇپمۇ مۇھىم تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر