باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئالاقە قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2017.07.18 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 17-ئىيۇل قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

  مۇخبىر: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 14-ئىيۇل «2018-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىدىن ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش ئېھتىماللىقىنى باھالاشنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭغا قانداق قارايسىز، دەپ سورىغان. بۇنىڭغا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ مۇنداق جاۋاپ بەردى: جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئالاقە قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  لۇ كاڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «2018-يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇق بېرىش قانۇن لايىھەسى»دە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ئۆز ئارا زىيارەت قىلىش ئېھتىماللىقىنى باھالاپ دوكلات قىلىپ تاپشۇرۇشتەك پاسسىپ مەزمۇنلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان. ئالاقىدار ماددىلار بىر جۇڭگو سىياسىتى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتى پىرىنسىپىغا ئېغىر خىلاپ بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇ توغرىسىدا ئامېرىكا تەرەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈردى.

  لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: مەن شۇنى قايتا تەكىتلەيمەنكى، جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى ھۆكۈمەت ئالاقىسى ۋە ھەربىي ئالاقە قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى قانۇن لايىھەسىدىكى ئالاقىدار ماددىلارنىڭ ئېغىر زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ماددىلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىماسلىق، تارىخنى كەينىگە قايتۇرماسلىققا دەۋەت قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر