سۈرەتتە: سەنشى- چاخار- خېبېي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى ھەربىي مەشىق ئېلىپ بارماقتا (ماتېرىيال سۈرەت).
1937-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئومۇمىي خەلق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 8-ئارمىيە، يېڭى 4-ئارمىيە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى شەرقىي شىمال بىرلەشمە ئارمىيەسى، جەنۇبىي جۇڭگو پارتىزانلار ئەترىتىنى ئاساس قىلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيە-خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى ھەم ئاخىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
بارلىق غەلىبە ئامىللىرىنىڭ ئىچىدە، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلار ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى گاۋ گېڭخاۋ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «1945-يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسى مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سەنشى- چاخار- خېبېي، سەنشى- سۈييۇەن، شەنشى- گەنسۇ- نىڭشيا، سەنشى- خېبېي- خېنەن، خېبېي- شەندۇڭ- خېنەن، شەندۇڭ، سۇنەن، شەرقىي جېجياڭ قاتارلىق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى چوڭ-كىچىك نەچچە ئون تايانچ بازىنى بەرپا قىلدى». بۇلارنىڭ ئىچىدە، نيې روڭجىن رەھبەرلىك قىلىپ قۇرغان سەنشى- چاخار- خېبېي ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىسى تۇنجى قۇرۇلغان ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازا بولۇپ قالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى