باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ ئىشنى قانداق قىلىدۇ؟

2017.07.18 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا يېپىلغان مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، خەلق بانكىسىنىڭ ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ھەر قايسى تەرەپلەر گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى نېمە ئىش قىلىدۇ؟ دېگەنگە كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ.

  جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لۇ لېي 7-ئاينىڭ 17-كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، پۇل سىياسىتى، مالىيە سىياسىتى، كەسىپ سىياسىتى قاتارلىقلارنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇشنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈملۈك بولىشىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.

  كونكرېت جەھەتتىن قارىغاندا، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرلىكتە ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش، بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش، خەۋپ-خەتەرنى كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە دەسلەپكى مەزگىلدە ئارىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كەمتۈكلۈكىنى تۈگىتىش، نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئىسلاھاتىنى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈلمە-مېخانىزم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى پۇختا بىر تەرەپ قىلىش ۋەھاكازالار.

  نېمىشقا پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىدۇ؟ لۇ لېي مۇنداق دېدى: ھازىر ئېلىمىزنىڭ سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنى ئومۇمىي جەھەتتىن كونترول قىلغىلى بولسىمۇ، ناچار مۈلۈك خەۋپ-خەتىرى، ئوبوروت خەۋپ-خەتىرى، كۆلەڭگە بانكا خەۋپ-خەتىرى، تاشقى زەربە خەۋپ-خەتىرى، ئۆي-زېمىن كۆپۈكى خەۋپ-خەتىرى، ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ-خەتىرى، ئالاقە تورى پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى قاتارلىقلار كۆپىيىپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدىمۇ قالايمىقان ئەھۋاللار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، پايدا قوغلىشىپ تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئەۋج ئېلىپ، نەپ يەتكۈزۈش ئېغىرلىشىپ، چوڭ، مۇھىم دېلولار ئۈزلۈكسىز سادىر بولماقتا. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ماسلاشماقلىق، كەمچىل بولۇش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىشى كەسىپ، بازار ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ماس كەلمىدى. گوۋۇيۈەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش-ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى يېتىشسىزلىكنى تۈگىتىپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بېرىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر