خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نيۇ يوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا 18-ئىيۇل ئوت سىگنالى سەۋەبلىك، ب د ت خىزمەتچىلىرى، دىپلوماتلار، ساياھەتچىلەر قاتارلىقلار بىنا سىرتىغا جىددىي تارقاقلاشتۇرۇلدى، يېرىم سائەتتىن كېيىن ترېۋوگا بىكار قىلىندى.
ب د ت باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى خاكنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، ب د ت بىناسىنىڭ يەر ئاستى 2- قەۋىتىدىكى شامالدۇرغۇچ ئۆيىدىكى بىر ئوت مۇداپىيە سىگنال ئۈسكۈنىسى تۇيۇقسىز سىگنال بەرگەن. ب د ت باش ئىشتابى بىناسىدا ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەخمىنەن 2000 ئادەم بار بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ئالدىنى ئېلىشنى ئويلىشىپ كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان.
خاك: تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىگەنلىكى بايقالدى، ئوت مۇداپىيە سىگنال ئۈسكۈنىسىدە مەسىلە بار بولۇشى مۇمكىن، نيۇ يورك شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ خادىملىرىمۇ نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، ئوت ئاپىتى يۈز بەرمىگەنلىكىنى جەزملەشتۈردى، دېدى.
بۇ قېتىمقى ئوت مۇداپىيە سىگنالى سەۋەبلىك ب د ت نىڭ ئېچىلماقچى بولغان نەچچە مەيدان يىغىنى ئۈزۈلۈپ قالدى ياكى كېچىكتۈرۈلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى