باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۆي باھاسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى

2017.07.19 16:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 18-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 6-ئايدا 70 چوڭ ئوتتۇرا چوڭ شەھەر ئىچىدە 1-،2-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا داۋاملىق تۆۋەنلىگەن، 1-سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا تۆۋەنلىگەن. 6-ئايدا 1-سەپتىكى شەھەرلەردە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي ۋە نىمكەش ئۆيلەرنىڭ باھاسى ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا %0.1 ۋە %0.2 تۆۋەنلىگەن.

  گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بازار ئىقتىسادى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى رىن شىڭجۇۋ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا 1-سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي باھاسى مۇقىملىق ئىچىدە تۆۋەنلىدى. تەڭشەپ كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، 1-سەپتىكى شەھەرلەردە ھايانكەشلىك خاراكتېرىدە ئۆي سېتىۋېلىش تىزگىنلەندى، ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى يېغىلىپ قىلىش ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: كېلەر يېرىم يىلدا داۋاملىق ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدە «پىشاڭسىزلاشتۇرۇش»نى داۋاملاشتۇرۇش، پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرى يوشۇرۇن ئاپىتىنى تۈگىتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، مەۋھۇملۇققا يۈزلىنىشنىڭ، كۆپۈكنىڭ يېغىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئولتۇرىدىغان تۇرالغۇ ھەمدە ئېھتىياجنى ياخشىلاشنى قوللاش كېرەك. تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىمۇ سىياسەت جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج زىددىيىتى بىر قەدەر چوڭ شەھەرلەردە تۇرالغۇغا ئىشلىتىدىغان يەر ۋە ئادەتتىكى تاۋار ئۆي بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىش كېرەك. تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە كەپىلىك رايونلارنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىجارە ئۆي بازىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش ئارقىلىق،ئۆي باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر