باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرگە بېرىلىدىغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەردىن ئۈچ تۈركۈم لاياقەتسىز مەھسۇلاتنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلدى

2017.07.19 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىڭىزغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا دىققەت قىلىڭ! يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بۇ يىلقى 8- نۆۋەتلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش-ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن ئىگىلىنىشىچە، سانجى سەبىيلەر يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئىشلەپ چىقارغان قوشۇمچە يېمەكلىكلىرىدىن ئۈچ تۈركۈم يېمەكلىكنىڭ، يەنى زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن، لاياقەتسىز مەھسۇلات دەپ بېكىتىلىپ، چاۋىسى چىتقا يېيىلدى.

  ئۇ ئۈچ تۈركۈم يېمەكلىك ئايرىم-ئايرىم ھالدا: بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆپ خىل ۋىتامىنلىق كۆكتات ئوزۇقلۇق بۇلمىقى (ئۆلچەملىك تىپى ۋە دەرىجىسى: ھەر بىر قۇتا 250 گىرام؛ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ۋە تەستىقلانغان نومۇرى 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى)؛ بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تولۇقلاش سۈت بۇلمىقى(ئۆلچەملىك تىپى ۋە دەرىجىسى: ھەر بىر قۇتا 250 گىرام؛ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ۋە تەستىقلانغان نومۇرى 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى)؛ بوۋاقلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ياڭاق مېغىزى ئوزۇقلۇق تولۇقلاش سۈت بۇلمىقى (ئۆلچەملىك تىپى ۋە دەرىجىسى: ھەر بىر قۇتا 250 گىرام؛ ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى ۋە تەستىقلانغان نومۇرى 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى).

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، زەنجىرسىمان زەمبۇرۇغنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتسە، يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى بۇزۇلۇپ، يېمەكلىك سۈپىتىنىڭ بۇزۇلۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، ئۇنداق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، تولغاق قاتارلىق ئۈچەي يولى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك-دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئىستېمالچىلارغا ئەسكەرتىش بېرىپ، ئەگەر ئېلان قىلىنغان ئۇنداق لاياقەتسىز مەھسۇلاتلارنى بايقىغاندا، 12331غا تېلېفون قىلىپ ئەرز قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر