خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدىكى ژۇكوۋسكىي شەھىرىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «رىتسار» ئۇچۇش ماھارىتى كۆرسىتىش ئەترىتى ماھارەت كۆرسىتىپ ئۇچماقتا.
13-نۆۋەتلىك موسكۋا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى كۆرگەزمىسى 18-ئىيۇل موسكۋا شەھىرى ئەتراپىدىكى ژۇكوۋسكىي شەھىرىدە باشلاندى. ئالتە كۈن داۋاملىشىدىغان ئاۋىياتسىيە كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، 26 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 790دىن كۆپرەك ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى كارخانىسى نەچچە مىڭ تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ۋە لايىھەلىرىنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىپ، تۈر ھەمكارلىق شېرىكى ۋە ھەمكارلىق تۈرى ئىزدەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى