باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى ئوتتۇرا تىپتىكى بومباردىمانچى ئايروپىلان: بومباردىمان — 6 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان

2017.07.19 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يىن لى مۇنداق دېدى: «بومباردىمانچى ئايروپىلان — بومبا، تورپېدا ۋە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق يەر يۈزى، سۇ يۈزى ۋە سۇ ئاستىدىكى نىشاننى بومباردىمان قىلىش، ۋەيران قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي ئايروپىلان. دۆلىتىمىز قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىشلەتكىنى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن كۆپ تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان ئىدى. 1957- يىلى 9-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگۇغا تۇ — 16 تىپلىق ئوتتۇرا تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ياساش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەردى، ئايروپىلانلار خاربىن ئايروپىلان زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلدى، كېيىن بومباردىمانچى — 6 تىپلىق ئايروپىلان دەپ نام بېرىلدى. بۇ، دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان تۇنجى ئوتتۇرا تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلان».

  بومباردىمانچى — 6 تىپلىق ئايروپىلاننى ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، شىئەن ئايروپىلان زاۋۇتىدا سىناق تەرىقىسىدە بومباردىمانچى — 6 نىڭ A تىپلىق ئايروپىلانى ياسىلىشقا باشلىدى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن بومباردىمانچى — 6 نىڭ A تىپلىق تۇنجى ئايروپىلانى 1968-يىلى سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالدى، ئاساسلىق ئىقتىدارى لايىھەدىكى تەلەپكە يەتتى. بومباردىمانچى — 6 نىڭ A تىپلىق ئايروپىلانى بومبا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، تورپېدا قاتارلىقلارنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، يەنە ئاتوم بومبىسى، ۋودورود بومبىسى قاچىلاشقىمۇ بولىدىغان بولۇپ، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغاندىن كېيىن، ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ بومباردىمانچى ئايروپىلان قىسىمىغا سەپلەپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر