باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئاپتوموبىل نومۇرىنى توردا قۇراشتۇرۇش ۋە تاللاش ئەندىزىسى يولغا قويۇلدى

ئاپتوماتىك ھالدا 50 نومۇر ئىچىدىن بىرنى تاللاشقا بولىدۇ

2017.07.19 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 新 (شىن) بىلەن باشلانغان، ھەمدە ئىككى ئىنگلىزچە ھەرپ (بىرى ئالدىدا، بىرى كەينىدە)نىڭ ئوتتۇرىسىغا تۆت خانىلىق رەقەم قىستۇرۇلغان بەلگىلەردىن تەركىب تاپقان (مەسىلەن: 新A8888B دېگەندەك) يېڭى نومۇر بۆلىكى، پۈتكۈل شىنجاڭدىكى توردا تاللاش سۇپىدا ئاپتوموبىل نومۇرىنى توردا قۇراشتۇرۇش ۋە تاللاش ئەندىزىسى بويىچە رەسمىي يولغا قويۇلدى.

  18- ئىيۇل، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچىسى باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش، باشقۇرۇش مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە ج خ نازارىتى قاتناش ساقچىسى باش ئەترىتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالاقە تورىنىڭ ئۇنىۋېرسال قوللىنىش سۇپىسى دەسلەپكى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 15 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئالاقە تورى ئۇنىۋېرسال قوللىنىش سۇپىسى نومۇر ئامبىرىدا 50 نەچچە نومۇر مەنبەسىنى تارقاتقان.

  18- ئىيۇلدىن باشلاپ، توردا ئۆزى قۇراشتۇرغان ئاپتوموبىل نومۇرىنى تاللاش يولى ئېچىلدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزى ياقتۇرىدىغان نومۇرنى تاللاشقا بولىدىكەن، ھەمدە ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن ۋە ئۆيدىلا ئېسىل نومۇرغا ئېرىشەلەيدىكەن.

  قاتناش ساقچىسى تارماقلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، سىز ئالغىنىڭىز مەيلى يېڭى ئاپتوموبىل ياكى نىمكەش ئاپتوموبىل بولسۇن، ئاپتوموبىل نومۇرىنى سىز تور ئارقىلىق ئۆزىڭىز قۇراشتۇرىۋالسىڭىز ۋە تاللىسىڭىز ياكى ئاپتوماتىك ھالدا 50 نومۇر ئىچىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىر نومۇرنى تاللىسىڭىز بولىدىكەن. ئامما «قاتناش بىخەتەرلىكى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇش سۇپىسى» (http://www.122.gov.cn/m/map/select)، يان تېلېفونAPP سى ۋە «قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمەت نومۇرى 12123» قاتارلىق بۇ ئۈچ ئالاقە تور سۇپىسى ئارقىلىق، ئاپتوموبىل نومۇرىنى تاللاشقا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر