باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولىمىز

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئوبلاست باشلىقى ما شيۇڭچېڭ

2017.07.18 16:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بۇ زېمىندا ھەر مىللەت خەلق ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، بارغانسېرى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ. ھالبۇكى، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ۋەتەننى پارچىلاش، شىنجاڭدا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش رەزىل سۇيىقەستى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالغىنى يوق. ئۇلار دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلدى. قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، «ئۈچ خىل كۈچ»تىن ئىبارەت زەھەرلىك ئۆسمىنى يوقاتمىغاندا شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ، ئۇلارنى ئۈزۈل- كېسىل، پاكىز يوقىتىپ، پەردە ئارقىسىدىكى قارا قوللارنى تارتىپ چىقىپ، تولۇق زەربە بېرىپ پاكىز تازىلىغاندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەتكىلى بولىدۇ.

  يېڭى دەۋردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا «مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىنى تاپشۇردى، بۇ ئوبلاستتىكى 1 مىليون 600 مىڭ ھەر مىللەت كادىر، ئاممىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى. بىز يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇمىز بىلەن «سانجى مەسئۇلىيىتى»نى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە، تەشكىلگە سادىق بولىمەن، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن- ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تىلىم بىلەن دىلىمنى، سۆزۈم بىلەن ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز- ھەرىكەتلەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. دىققەتنى قەتئىي باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم- كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى ۋە تەستە قولغا كەلگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قوغدايمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى، شۇنداقلا بىزنىڭ ئىناقلىقنى، مۇقىملىقنى ۋە تېز تەرەققىياتنى ساقلىشىمىزدىكى پۇختا ئاساسىمىز. تۇنجى «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگىلىك ئوبلاست» بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، نەتىجىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ ۋە زورايتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى، ئەمەلىي ئىشلارنى باشلامچى بولۇپ قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان خاتا سۆز- ھەرىكەتلەرگە باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ۋە مۇستەھكەملەشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن.

  ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى قوغداش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز بۇرچىمىزنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، باش نىشاننى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل يۇرت- ماكانىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ياخشى قوغداپ، تىرىشىپ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر