باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 69- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

يىغىندا دائىمىي كومىتېتنىڭ 30- قېتىملىق يىغىنىنى 7- ئاينىڭ 26- كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

2017.07.18 16:11         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى 69- قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30- قېتىملىق يىغىنىنى 7- ئاينىڭ 26- كۈنىدىن 28- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30- قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30- قېتىملىق يىغىنىدا «ئاپتونوم رايوننىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامى (تۈزىتىش لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت خىزمەتچى خادىملىرى ئاساسىي قانۇن ئالدىدا قەسەم بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى(تۈزىتىش لايىھەسى)» تەكلىپى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ <تور بىخەتەرلىكى قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى (لايىھەسى)» تەكلىپى، «ئاپتونوم رايوننىڭ خەۋەرلىشىش ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى قوغداش نىزامى (لايىھەسى)» تەكلىپى ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى (تۈزىتىش لايىھەسى)» تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ؛ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «چۆچەك شەھىرىدىكى بەش دەريا ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى» ۋە «قۇلىستاي يايلىقىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش نىزامى»نى تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىلىدۇ؛ «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈپ چىقىشقا باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىش توغرىسىدىكى قارارى (لايىھەسى)» تەكلىپى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2016- يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك خامچوت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خامچوتنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2016- يىللىق شۇ دەرىجىلىك خام چوتنىڭ ئىجراسى ۋە باشقا مالىيە كىرىم- چىقىمىنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش خىزمەت دوكلاتى؛ 2016- يىللىق مۇھىت ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئاسراش نىشانىغا يېتىش ئەھۋالىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى» ۋە «ئاپتونوم رايوننىڭ <كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى»نى يولغا قويۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2017- يىللىق تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆزدىن كەچۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2017- يىللىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا- قىشلاقلارنىڭ داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ.

  يىغىندا يەنە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يەرلىك نىزام تۈزۈپ چىقىشقا باشلاش ۋاقتىنى بېكىتىش قارارىنى باھالاش دوكلاتى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار قاراپ چىقىلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەرنىڭ «دورا باشقۇرۇش قانۇنى»نىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاراپ چىقىش پىكرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر