باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە پارلامېنتى جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى

2017.07.18 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى 17- ئىيۇل بىر تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاپ، نۆۋەتتە يولغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي ھالەتنى 7-ئاينىڭ 19- كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ ئاي ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.

  بۇ، تۈركىيەنىڭ جىددىي ھالەتنى 4- قېتىم ئۇزارتىشى بولۇپ، 2016-يىلى 7-ئايدا ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ھالەتنى يولغا قويدى ھەمدە كۆپ قېتىم ئۇزارتتى.

  تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇزاق مۇددەتلىك جىددىي ھالەت دائىرىلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش ۋە مەمۇرىي ھوقۇقنى كۈچەيتىشنى قانۇن جەھەتتىن قولايلىقلاشتۇرغان. بىر يىلدىن بۇيان، تۈركىيەدە مەملىكەت بويىچە 50 نەچچە مىڭ ئادەم قولغا ئېلىندى، ئاساسلىقى ھەربىي- ساقچى قىسىم، قانۇن يۈرگۈزۈش، ئاخبارات تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەردىكى 110 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم خىزمەتتىن ھەيدەلدى.

  تۈركىيەدە بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 15-كۈنى كەچتىن 16-كۈنى سەھەرگىچە ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، 249 ئادەم قازا قىلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان تۈركىيەلىك دىنىي زات گۈلەننى سىياسىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغۇچى، دەپ ئەيىبلەپ، ئامېرىكىدىن ئۇنى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى «گۈلەن ھەرىكىتى»نى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر