باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە سۇ شۇلىن، ياڭ چۇڭيۇڭ، ۋاڭ يىنچېڭ، جۇ چۈنيۈ، سەي شىيۇغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەشنى قارار قىلدى

2017.07.19 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا قانۇن بويىچە سۇ شۇلىن، ياڭ چۇڭيۇڭ، ۋاڭ يىنچېڭ، جۇ چۈنيۈ، سەي شىيۇغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەھقىقلەشنى قارار قىلدى.

  ئالدىنقى كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى سۇ شۇلىن پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلدى؛ خېبېي ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ چۇڭيۇڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلدى؛ جۇڭگو خەلق سۇغۇرتىسى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتورى، مۇئاۋىن باش مۇدىرى ۋاڭ يىنچېڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلدى؛ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جۇ چۈنيۈن پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلدى؛ جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، باش دىرېكتورى سەي شىيۇ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش ھەم مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلدى.

  يۇقىرىدىكى دېلولارنى تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر