باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىلىرى دېھقانلارنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى

2017.07.19 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى باشلانغاندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى نامراتلار ئىقتىدارلىقلارغا ئەگىشىش، ئىقتىدارلىقلار كەسىپكە ئەگىشىش، كەسىپ بازارغا ئەگىشىپ مېڭىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يېڭى پىكىر يۇلى بويىچە، بېيىش باشلامچىلىرىنى كىچىك، مىكرو كارخانىلار، پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، نامرات ئاھالىلەرنى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  7-ئاينىڭ 18-كۈنى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى يۇقارقى مەھەللە كەنتىدىكى توختەمنىسا تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پاكىز، رەتلىك، ئازادە، يورۇق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 20 نەچچە تىككۈچىلىك ماشىنىسى ئالدىراش ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئىشچىلارنىڭ بەزىلىرى رەختنى ئۆلچەپ كەسسە، بەزىلىرى ئالدىراش تىكىۋاتاتتى. ئوقۇغۇچىلار فورمىسى تىكىۋاتقان ئىمانەم بارات ئىلگىرى بىر ئائىلە ئايالى ئىدى، ئۇ توختەمنىسا تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەربىيەلىشى بىلەن ئىشىك ئالدىدىلا خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

  توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى ئىچئېرىق كەنت ئاھالىسى ئىمانەم بارات مۇنداق دىدى: «مەن 2016-يىلى 9-ئايدا توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى توختەمنىسا تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئىشقا چۈشۈپ، ئىشقا چۈشكەن ئايدا 900 يۈەن مائاش ئالدىم، بارا-بارا تىككۈچىلىك تېخنىكام ئېشىپ، مائاشىممۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ھازىر 2000 يۈەندىن كۆپرەك مائاش ئالىمەن. مەن بۇ كۆپىراتىپقا ئىشقا چۈشكەندىن بۇيان ئائىلە شارائىتىممۇ ياخشىلاندى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئائىلە كىرىمىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشىمەن.»

  توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى يۇقارقى مەھەللە توختەمنىسا تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى «ئائىلە ئىشلەپ چىقىرىش سېخى + نامرات ئائىلە+ يېقىن ئەتراپتا ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، ئاقما لىنىيەلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى ئاساس قىلىپ، ئاساسلىق ئوقۇغۇچىلار فورمىسى، تۈرلۈك كىيىم-كېچەك ۋە بادام دوپپا قاتارلىقلارنى تىكتى.

  توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرىنىڭ يۇقارقى مەھەللە كەنتىدىكى توختەم نىياز بۇ يىل ئۆزى 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشى، ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن پايدىلنىپ، كەنتتە بىر تىككۈچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قورۇپ، كەنتتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 30 نەچچە ئائىلە ئايالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى نامراتلىقتىن قوتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى.

  توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى يۇقارقى مەھەللە توختەمنىسا تىككۈچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى توختەم نىياز مۇنداق دىدى: «مەن 2015-يىلى 9-ئايدىن 1-ئايغىچە سەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيخەي شەھىرىگە بېرىپ، تىككۈچىلىك كەسپىي بۇيىچە مەخسۇس تەربىيەلىنىپ كەلگەندىن كېيىن 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمىدە تىككۈچىلىك دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قورۇپ، مەھەللەمدىكى 30 نەچچە ئائىلە ئايالىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇم، ھازىر ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى 1000يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كوپىراتىپنى تېخمۇ كېڭەيتىپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخمۇ كۆپ ئائىلە ئاياللىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرشچانلىق كۆرسىتىمەن.»

  ئىگلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسىدىكى 215 دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ باشلامچىلقىدا، توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ھەر قايسى يېزا-بازارلىرىدىكى نامرات ئائىلىلەر دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قوتۇلۇپ بېيىش قەدىمى تېزلەتكەن.

  (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىدىن: سىدىق مىجىت، ھەنىپە ئابلا خەۋىرى).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر