باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

"ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارايلى" نامىلىق ئون قىسىملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2017.07.19 16:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  17-ئىيۇل كەچتە، " ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بارايلى" نامىلىق ئون قىسىملىق تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلۇشقا باشلىدى، بۇ فىلىمدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسى زىچ چۆرىدىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مەخسۇس فىلىم قويۇلغاندىن كېيىن، جايلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  جياڭشىنىڭ گەنجۇدىكى يۈز ياشلىق پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ۋۇ چىڭچاڭ مەخسۇس فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن، تارىخ ئىسلاھات بولغاندىلا ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى، ئىسلاھ قىلمىسا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  شۈجۇ سانائەت ماشىنىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزاسى جاڭ نىڭ مۇنداق دېدى: مەخسۇس فىلىمنىڭ مەزمۇنى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن، كىشىگە كۈچ ئاتا قىلىدىكەن، بىز باش شۇجى شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. بولۇپمۇ ئاچقۇچلۇق، مۇرەككەپ، قىيىن ساھەلەردىكى ئىسلاھاتتا مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشكە، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  مەخسۇس فىلىمدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۇلۇغ ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ خەلق ئاممىسىغا ئېلىپ كەلگەن ئېرىشىش تۇيغۇسى جانلىق بايان قىلىنغان بولۇپ، كەڭ تۈردە ماختاشقا ئېرىشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر