- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ش ئۇ ئا ر ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىدا نامرات نوپۇسقا ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى زورايتىدۇ
2017.07.19 16:17 مەنبە: خەلق تورى
2017-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىدا ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات نوپۇس، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان بېقىش ئوبيېكتلىرى ۋە تۆۋەن تۇرمۇش ئوبيېكتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىيىنچىلىقى بارلارغا ئېتىبار بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، سىياسەت جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىدۇ.
بۇ يىل شىنجاڭ نامرات ئائىلىلەرنىڭ يۇقىرى سوممىلىق داۋالاش چىقىمىنى تۆلەش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، پەۋقۇلئاددە ئېغىر كېسەللەرگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنىڭ چىقىم ئۆلچىمىنى تەخمىنەن %60 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىدۇ، ھەر قايسى بۆلەكلەردىكى ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرىدۇ، بۇ بەش پوئىنتتىن تۆۋەن بولمايدۇ. توغرا چىقىم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، نامرات نوپۇسنىڭ مەنپەئەتلىنىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ.
شىنجاڭ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان شەھەر يېزا ئاھالىلىرى ۋە شەھەر بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قاپلىغان ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى 12 مىليون 180مىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈلدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2016-يىلدىن بۇيان، شەھەر بازارلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى چىقىم قىلغانلار 43مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، بېرىلگەن تۆلەم پۇل 339مىليون يۈەن بولغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر