باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

2017.07.19 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا، ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ پۇل مۇئامىلە خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە كونترول قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ياخشى دەۋرىي ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى تەكىتلىدى، بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنى ئەمەل قىلىدىغان مۇھىم ئاساس ۋە ئەمەلىيەت قوللانمىسى بىلەن تەمىن ئەتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تومۇرى، ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ـــ پۇل مۇئامىلىنىڭ بۇرچى، پۇل مۇئامىلىنىڭ باش مەقسىتى، شۇنداقلا پۇل مۇئامىلە خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتا تۆت تۈرلۈك مۇھىم پىرىنسىپنى ياخشى تۇتۇش كېرەك، بىرىنچى، مەنبەگە قايتىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بويسۇنۇش، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، ئىككىنچى، قۇرۇلمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتى، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۈچىنچى، نازارەت ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، تۆتىنچى، بازارنى يېتەكچى قىلىپ، بازارنىڭ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇش.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپى ئۆزگىرىپ، دەرىجىسى ئېشىۋاتقان ئاچقۇچلۇق باسقۇچتا پۇل مۇئامىلىنى ئەسلى مەنبەگە قايتۇرغاندىلا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ساھەلىرى ۋە ئاجىز ھالقىلىرىغا تەقسىملىگىلى بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلە دۆلەتنىڭ مۇھىم يادرولۇق رىقابەت كۈچى، پۇل مۇئامىلە بىخەتەرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈمى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم ئاساسى تۈزۈم.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۇل مۇئامىلىگە بولغان نازارەت، باشقۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نازارەت ۋە باشقۇرۇشتىكى كەمتۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك، گوۋۇيۈەن پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتى تەسىس قىلىپ، خەلق بانكىسىنىڭ ماكرولۇق ئىنچىكە باشقۇرۇشىنى ۋە سىستېمىلىق خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىرقاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئىلگىرى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى بەزى بوشلۇقلار ۋە يوچۇقلارنىڭ تولۇقلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەرلىك ھۆكۈمەتلەر پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتا ئاساسلىقى مەركەزنىڭ ئىش ھوقۇقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، مەركەزنىڭ بىرتۇتاش قائىدىسىگە ئاساسەن ئۆزىگە تەۋە خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: پۇل مۇئامىلە ساھەسى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى تەلىپىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن ياخشى دەۋرىيلىك ھاسىل قىلىپ، ساغلام تەرەققىي قىلالايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر