باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك

−− «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2016.10.21 15:29         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېمىنىڭ كۈچى يەلكەندە، ئادەمنىڭ كۈچى جاسارەتتە. ئەلنىڭ رايى ئەڭ چوڭ سىياسىيدۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئەڭ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاش، ئەڭ ئەسقاتىدىغىنى ئەلرايىنى مايىل قىلىش»، دەپ كۆرسەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشى −− ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى قولمۇ قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، دوستلىشىپ، ئارازلىقنى تۈگىتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، قېرىنداشلارچە مېھىر - مۇھەببەتنى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئۇنى ھېس قىلىپ، بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش −− ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر بولۇپ، زور رىئال ئەھمىيەتكە ھەم چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى ھەم ئۇل قۇرۇلۇشى بولۇپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى يەنىمۇ پۇختا راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى بولۇپ، ئۇنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. «كەنتلەر كەنتكە، ئائىلىلەر ئائىلىگە، ئامما پارتىيە ئەزالىرىغا، پارتىيە ئەزالىرى رەھبىرىي كادىرلارغا قارايدۇ» دەيدىغان گەپ بار. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاقتىدا سەپەرۋەر قىلىپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتلارنى ئاڭلاپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  تەڭ تۇتۇپ، ئورتاق باشقۇرۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشاننى بېكىتىپ بەردى. بۇ باش نىشاننى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئورۇنداشقا توغرا كېلىدۇ. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ توپلايدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ھەر دەرىجىلىك تارماقلار تەڭ قاتنىشىپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، زىچ ماسلىشىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل كۆرسىتىپ ۋە كۈچ چىقىرىپ، تۆھپە قوشۇشى كېرەك.تىرەك ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈنۈملۈك ۋاسىتە، كونكرېت تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرما بولۇشى كېرەك. تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نېگىزلىك، ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك، مۇقىم ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش −− «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى؛ كادىرلار ۋە ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولىدىغان ئائىلىلەر بىلەن ئالاقە باغلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان شەكىل ۋە ئۇسۇلدىن ئىبارەت. بۇلارنىڭ ھەممىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پۇختا، ئۈنۈملۈك، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى ۋە كاپالىتى بولۇپ، پائالىيەتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىز تۈزۈلمە - مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچەپ يولغا قويۇپ، مول، رەڭدار بولغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ھەممە جاينى قاپلاش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  قويۇق كەيپىيات يارىتىش كېرەك. تەشۋىقات ۋە جامائەت پىكرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرى پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىشى، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى ۋە غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىشى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىشى، ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، كونكرېت تەدبىرلىرى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەشۋىق قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تەجرىبىلىرى، ياخشى ئۇسۇللىرى ۋە ئىلغار تىپلارنى تەشۋىق قىلىشى، مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق قويۇق جامائەت پىكرى كەيپىياتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، گۈزەل ماكانىمىزنى ئورتاق گۈللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىشى كېرەك.رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ياخشى قانات يايدۇرغاندا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پۇختا ئاساس سېلىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر