باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى

2016.10.21 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 20- ئۆكتەبىر، دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا «دۇنيا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مۇنبىرى» رامكىسى ئاستىدا توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش ئىككىنچى قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئورتاق قاراشلارنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى ئېچىلغان ئادەتتىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا، خۇا چۇنيىڭ تونۇشتۇرۇپ، بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىدا «دۇنيا تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مۇنبىرى» ئەزالىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇتەخەسسىس-تەتقىقاتچىلار، ئېنتىرنېت تورى كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 2014- يىلى جۇڭگو مۇنبەر رامكىسى ئاستىدا تۇنجى قېتىملىق توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش مۇھاكىمە يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ئىدى.

  خۇا چۇنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ھەم جىددىي، توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھازىرقى باسقۇچتىكى تېررورلۇققا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. خۇا چۇنيىڭ: «جۇڭگو بولسا، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى، بىز بۇ قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئارقىلىق، ئورتاق قاراشلارنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، توردىكى تېررورىزمغا زەربە بېرىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنتىرنېت تورى بوشلۇقىنى قوغداش ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى خالايمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر