باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىلارى ۋە ترامپنىڭ قارشى ئېلىنماسلىق دەرىجىسى يەنىلا يۇقىرى ئىكەن

2016.10.21 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 20- ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى ئەلرايى تەكشۈرۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل بىرىنچى ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زوڭتوڭ نامزاتلىرى ھىلارى كىلىنتون ۋە دونالد ترامپنىڭ سايلىغۇچىلار نەزىرىدىكى قارشى ئېلىنماسلىق دەرىجىسىدە ئاساسەن ئۆزگىرىش بولمىغان، ئىككىسى يەنىلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن بۇيانقى ئامېرىكا سايلام تارىخىدىكى «ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان زوڭتوڭ نامزاتلىرى» ئىكەن.

  شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان «ۋال كوچىسى گېزىتى» ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ئەلرايى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ھىلارى ۋە ترامپقا قارىتا ئىجابىي تەسىردىكى سايلىغۇچىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %40 ۋە %29 بولغان بولۇپ، بۇ يىل بىرىنچى ئايدىكى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسى بىلەن ئوخشاش بولغان. قوللاش نىسبىتىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ھىلارى پۈتۈن ئامېرىكا دائىرىسىدە ترامپتىن %10 ئالدىدا تۇرغان، ئالدىدا تۇرۇش نىسبىتى بىلەن بىرىنچى ئايدىكى نەتىجە ئوخشاش بولغان.

  «ۋال كوچىسى گېزىتى» دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان ئەلرايى تەكشۈرۈش مۇتەخەسسىسى خوۋېتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «ئىككىلىسىنى ئېلىپ ئېيتساق، قايسىسى سايلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار يەنىلا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن بۇيانقى ئامېرىكا سايلام تارىخىدىكى «ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان زوڭتوڭ نامزاتلىرى بولۇپ قالىدۇ»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر