خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20- ئۆكتەبىر، «بىرلەشمە قۇتقۇزۇش -2016» جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ھەربىي سەھىيە ئەمەلىي بىرلەشمە مانېۋىرى چۇڭچىڭدا باشلاندى. بۇ، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ياۋروپا دۆلەت ئارمىيەسى بىلەن بولغان تۇنجى قېتىملىق سەھىيە ئەمەلىي بىرلەشمە مانېۋىرى، شۇنداقلا جۇڭگو ھەربىي سەھىيە ئەمەلىي مانېۋىرىنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە چەت ئەل ئارمىيەلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ھېسابلىنىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى