باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016- يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش قانات يايدۇرۇلىدۇ

2016.10.21 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى» ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش خىزمىتى چارىسى»غا ئاساسەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يۆلەش-ئېچىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش، كۆزىتىشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مۇنداقكەن: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مەسئۇلىيەتنامىسى ئىمزالىغان ئوتتۇرا، غەربىي رايوندىكى 22 ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، 2015-يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمەت ئۈنۈمىنى سىناپ تەكشۈرۈپ، سىناپ باھالاش ۋە نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەخسۇس مەبلىغى ئۈنۈمىنى باھالاشتا گەۋدىلىك مەسىلىلەر ساقلانغان ئۆلكىلەرنى كۆزىتىش. تەكشۈرۈش، كۆزىتىش خىزمىتى نامراتلارنى دەل يۆلەش، دەل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تاكتىكىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، زور كۈچ بىلەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ ۋە ھەل قىلىپ، تىپىك تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەپ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ يىللىق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر