باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يىرىك پىلان ئېلان قىلىپ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بەش جەھەتتىكى تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى بېكىتتى

2016.10.21 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى(2016- يىلدىن 2020- يىلغىچە)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىل پىلان» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈپ نىشانى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى، سىياسەت-تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «13-بەش يىل» مەزگىلى يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەمچىلىكنى تولۇقلاپ، چوڭ ئىش قىلىشتەك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى بولۇپ، چوقۇم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بىلەن يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سۈپەت ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، كۆپ خىل شەكىلدىكى مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات ئۇسۇلىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى يۇقىرى، مەھسۇلاتى بىخەتەر، بايلىق تېجەيدىغان، مۇھىت ئاسرايدىغان يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر