باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا زىيارىتى مول ئۈنۈمگە ئېرىشتى

2016.10.20 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆكتەبىردە دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا، بېنگالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ھەمدە ھىندىستاننىڭ گوئادا ئۆتكۈزۈلگەن ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ سەككىزىنچى قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى. جامائەتچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئەھمىيەتلىك ۋە مول ئۈنۈملۈك بولدى، جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى سەۋىيەگە يۈكسىلىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىپ، گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەسىرىنى ئۆستۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشتى.

  رەئىس شى جىنپىڭ پىنوم پىندىن داككاغىچە تۇغقانلاردەك زىيارەتتە بولۇپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، قوشنىلارغا بەخت يارىتىپ، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە يۈكسەلدۈردى. زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن كامبودژا مول ئۈنۈملۈك 31 ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. باش ۋەزىر خۇنسېن جۇڭگونىڭ كامبودژاغا بەرگەن مەدىتى ۋە ياردىمى توغرىسىدا ناھايىتى مەمنۇنلۇق بىلەن: جۇڭگو ئەزەلدىن ئىشنى كۆپ قىلىپ، گەپنى ئاز قىلدى، كامبودژا-جۇڭگو دوستلۇقى كامبودژا خەلقى قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، دېدى.

  دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 41 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-بېنگال دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ داككادىكى زىيارىتى جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ 30 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، جۇڭگو-بېنگال ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. بېنگال زۇڭلىسى شەيخ ھاسىنا ئېيتقاندەك، جۇڭگو بېنگالنىڭ ئىشەنچلىك تەرەققىيات شېرىكى.

  گوئادىكى باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر روھى تېخىمۇ نۇرلاندى. رەئىس شى جىنپىڭ گوئا باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا جۇڭگونىڭ تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر كەلگۈسى ھەمكارلىقىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى ھاياتى كۈچ قوشتى، يېڭى پىلانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە جۇڭگو كېلەر يىلى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولىدىغانلىقى، شيامېندا ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە پۇرسەتلەرنى كۈتۈۋالىدىغانلىقى ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاسىيا زىيارىتى جۇڭگونىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان دەۋر روھىغا باشلامچىلىق قىلىدىغان جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەتلەر دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر