باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى

خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2016.10.21 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن: خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ھەم پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئامما بىلەن ئالاقىلىشىشى، ھەر قايسى ساھەلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە تۈگۈنلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنداق دېدى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى ھەر قايسى تارماقلار ھەم بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇشى كېرەك. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى» دېگەن ئىدىيەنى باشتىن - ئاخىر سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشنى سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمىتى قاتارىدا تۇتۇپ، مۇناسىۋەتنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، زېھنىي كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، باش نىشان ئۈچۈن ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  نۇرلان ئابىلمەجىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھەم بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، پائالىيەتنى تەشكىللىك ھالدا ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بولۇپمۇ سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىسى كەڭ بولۇش ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىشتە دوستلۇق ۋە ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ئىگىلىك تىكلەيدىغان قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش» ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئورگاندىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ، «بىرمۇ كىشى قالماي ھەممەيلەن قاتنىشىش»قا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار «قوش تىل» مائارىپىغا كادىرلار ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تاللاپ ئەۋەتىلگەن، «قوش تىل»نى بىلىدىغان كادىرلار جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ، مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، ليۇ يەنلياڭ، لى شياڭلىن، ليۇ جىيۇڭ، گۈلشاد ئابدۇقادىر يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر