- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەمەن زۇڭتۇڭى خۈسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىشقا ماقۇل بولدى
2016.10.19 14:02 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سانا خەۋىرى: 17- ئۆكتەبىر، يەمەن زۇڭتۇڭى ھادى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ب د ت نىڭ تۈرتكىسىدە، يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر 72 سائەت سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى ئىجرا قىلىدۇ. ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىش 19- ئۆكتەبىردىن باشلىنىدىكەن. يەمەننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇل مالىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر خۈسەي قوراللىق تەشكىلاتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلسا، بۇ مۇددەتنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ .
شۇ كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە ۋەزىرى جۇبەيل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر خۈسەي قوراللىق تەشكىلاتى قوشۇلسا، سەئۇدى ئەرەبىستانى خۈسەي قوراللىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئۇرۇشنى توختىتىدۇ.
نۆۋەتتە، خۈسەي قوراللىق تەشكىلاتى تېخى 72 سائەت ئۇرۇش توختىتىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىمىدى.
ئالاقىدار ئەمەلدار مۇنداق دېدى: 72 سائەت داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش توختىتىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ب د ت يېتەكچىلىك قىلغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر